ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

0~3 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ قانداق ئويۇنچۇقلىرى بار؟

0~3 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ قانداق ئويۇنچۇقلىرى بار؟

ۋاقتى: 2015-11-15 ئاۋاتلىقى: 497 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاق يېڭىلا تۇغۇلغان ئۈچ ئاي ئىچىدە، دائىم ئەتراپىدىكى ئوچۇق ۋە رەڭگارەڭ نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ، ئۇلار ھەخىل ئاۋازلارغا دىققەت قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بوۋىقىغا تۆۋەندىكىدەك ئويۇنچۇقلارنى تاللىسا بولىدۇ: 
قول بىلەن سىقسا ئاۋاز چىقىرىدىغان رىزىنكە قونچاقلارنى ياكى يېنىكرەك، كىچىكرەك بولغان بوۋاقلار ئويۇنچۇقلىرىنى تاللىسا بولىدۇ.
بىر قىسىم رەڭگى ئوچۇق، ئاۋازى يېقىملىق، شەكلى كۆركەم بولغان ئاۋاز چىقىرىلايدىغان ئاسما ئويۇنچۇقلارنى تاللىسا بولىدۇ، مەسىلەن، رەڭلىك شار، يەل بېرىدىغان قونچاقلار، كىچىك پانۇس، كولدۇرما، قوڭغۇراق قاتارلىقلار. بۇ خىل ئويۇنچۇقلارنى بوۋاقلار كۆرەلەيدىغان جايلارغا ئېسىپ قويۇش كېرەك، مەسىلەن كارىۋاتنىڭ بېشى ياكى ئەتراپىغا ئېسىپ قويسا بولىدۇ، ھەر تۆت كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئويۇنچۇقلارنى ئاسقان ئورۇننى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك، بولمىسا باش كۆزنىڭ بىر تەرەپكە قىيسىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
بۇ مەزگىلدە بوۋاقلار ئىللىق ئانا مېھرىگە ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا مۇھتاج بولىدۇ، شۇڭا بىرقىسىم سىلىق، شەكلى ئاددىي، بىر قەدەر چوڭ بولغان يۇڭ قونچاقلارنى بوۋاقلارنىڭ كارىۋىتىغا قويۇپ قويسا بولىدۇ. 
بوۋاقلاردا ئەتراپىدىكى مۇھىتقا قىزىققانلىقنىڭ ئىپادىسى كۆرۈلگەندە، بىرقىسىم رەڭگى ئوچۇق، رەسىملىرى كۆپ، بوۋاقلار ئاسان تۇتالايدىغان، ھەرخىل ئاۋازلارنى چىقىرالايدىغان ئويۇنچۇقلارنى تاللىسا بوللىدۇ، مەسىلەن، كولدۇرما، دەستىلىك قوڭغۇراق، كىچىك قوڭغۇراقلىق سائەت، مۇزىكا قۇتىسى، سىقسا ئاۋاز چىقىرىدىغان سۇلياۋ ئويۇنچۇقلار، رەڭگى ھەرخىل بولغان كىچىك پايپاق، پوسما قاتارلىقلار. 
 كولدۇرما، دەستىلىك قوڭغۇراق، ھەرخىل ھالقىسىمان ئويۇنچۇقلار، سۇلياۋ ۋە رېزىنكە ئويۇنچۇقلار قاتارلىق بىر قىسىم قولنى مەشىقلەندۈرەلەيدىغان ئويۇنچۇقلارنى بوۋاقنىڭ بۆشۈك ياكى كارىۋىتىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسا بولىدۇ، بوۋاقلار كۆرگەندە تۇتالايدۇ. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى