ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3~6 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ قانداق ئويۇنچۇقلىرى بار؟

3~6 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ قانداق ئويۇنچۇقلىرى بار؟

ۋاقتى: 2015-11-14 ئاۋاتلىقى: 613 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ ياشتىكى بوۋاقلارغا ئۇلار ئاسان تۇتالايدىغان، رەڭگى ئوچۇق، ئاۋاز چىقىرالايدىغان، بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، تېگىشىش سېزىمى قاتارلىقلارغا تەسىر قىلالايدىغان ئويۇنچۇقلارنى تاللاش كېرەك. 
بوۋاققا ئويۇنچۇقلار بىلەن توشقۇزۇلغان بىر ئويۇنچۇق جاھازىسى ياكى كارىۋاتقا ئېسىپ قويىدىغان قوڭغۇراق ئېلىپ بەرسە بولىدۇ، ياكى ئۆزى ياسىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرگەندە، ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىپ ئويناپ خوشاللىق تاپىدۇ. لېكىن بەش ئايلىقتىن باشلاپ، بوۋاقلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئويۇنچۇق ئويناشقا بولغان قىزىقىشى سۇسلايدۇ، چۈنكى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشنى سىناپ بېقىشقا ئالدىرايدۇ. 

بوۋاقلار ئاۋاز چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، بوۋاققا بىر تال دەستىلىك قوڭغۇراق ياكى كولدۇرما ئېلىپ بېرىپ، بوۋاقنى ئۆزى تەۋرىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ ئويناشقا ئۈندەش كېرەك. 
بوۋاقلار ھارۋىسىنىڭ ئالدىدىكى «پوكەي»نىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ئويۇنچۇقلارنى مۇقىم قىلىپ ئورنىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ (بەزى بوۋاقلار ھارۋىسىنىڭ ئۆزىدىلا بار بولىدۇ)، سىرتلارغا چىققان ۋاقىتتا بوۋىقىڭىز ئالدىدىكى ئويۇنچۇقلار بىلان قىزغىن ئويۇنغا چۈشۈپ، زېرىكىشىنى تۈگىتەلەيدۇ. 
بۇ ياشتىكى بوۋاقلار تۈكلۈك ئويۇنچۇقلارغا باشقىچە ئامراق بولۇپ كېتىدۇ. تۈكلۈك ئويۇنچۇقلارنى تاللىغاندا ئۇنىڭ يۇمشاق، قۇچاقلىغاندا راھەت بولالايدىغان تۈكلۈك قونچاقلارنى تاللاش كېرەك. قۇلاق ۋە قۇيرۇقى قاتتىق بولغان ئويۇنچۇقلارنى ئامال بار تاللىماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاسانلا زەخمىلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئويۇنچۇقلارنىڭ ئىشلىنىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى تۈگمە«كۆزى»، مارجان «بۇرنى» بولغان ئويۇنچۇقلارنى تاللىماسلىق كېرەك، بۇنداق ئويۇنچۇقلارنى تاللىغاندا، بوۋاقلار ئۇنى ئۈزىۋېلىپ يەۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 
بۇ ياشتىكى بوۋاقلار ئويۇنچۇقلارنى سىقىپ ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ سىقسا ئاۋاز چىقىرىدىغان سۇلياۋ ئويۇنچۇقلار ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ئويۇنچۇقلاردۇر، مەسىلەن، غاقىلدىيالايدىغان ئۆردەك، سۇدا ئوينايدىغان يۇڭ ئېيىق، بۇنداق ئويۇنچۇقلار بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرغان ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ ئىچى سىقىلىشىنى تۈگىتىدۇ. ئېنىق ئاۋازنى ئاڭلاش ئۈچۈن، بالىلار توختىماي ئويۇنچۇقلىرىنى سىقىپ ئوينايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىلىپ بىلمەيلا ئۇلارنىڭ قول بارماقلىرىنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 
بوۋاققا نۆل ياشتىىن باشلاپ كىتاب ئوقۇپ بېرىش كېرەك، سىزنىڭ كىتاب ئوقۇغان ئاۋازىڭىزنىڭ بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. رەڭگى ئوچۇق، جانىۋارلار رەسىملىرى بولغان قاتتىق تاشلىق كىتابلارنى بوۋاققا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوقۇپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق تاشلىق كىتابلار بالىلارنىڭ تۇغما بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى تۈزىتىشكە مەلۇم تەسىرى بولىدۇ، ئۆينىڭ ھەممە يېرى كىتاب ۋارىقى بىلەن تولۇپ كېتىدىغان ھالەت تۈگەيدۇ. 
بوۋاقلارنىڭ چىش مىلىكى بىئارام بولغان ۋاقىتتا، توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلانغان چىش سۈركەش ھالقىسىنى(磨牙环) ئېلىپ ئىشلىتىش كېرەك، ئۇلارنىڭ شەكلى كۆركەم بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا پايدىلىق، خۇددى بىر ئويۇنچۇققا ئوخشاش بولۇپ، بوۋاقلار ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. 
بىر تال چىرايلىق كىچىك ئەدىيال تەييارلاپ، بوۋاقلارنى قەيەرگە ئاپارسا، بىللە ئېلىۋالسا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاقلار نەگىلا بارسۇن، ئۇلارغا تونۇش، راھەت شۇنداقلا پاكىز ئويۇن ئويناش بوشلۇقى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىخەتەر بولغان ئىلغۇچلارنى ئورنىتىپ، ھەرخىل بوۋاقلار ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئۈستىگە ئىلىپ بەرگەندە، بوۋاقلار تېخىمۇ قىزىقىدۇ. 
بوۋاقلار ئويۇنچۇقلىرىنى تاللاش ھەققىدە سەمىمىي ئەسكەرتىش: 
 بۇ ياشتىكى بوۋاقلار ئويۇنچۇقلارنى قولىغا ئالسىلا ئاغزىغا سالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار مەجبۇرى ھالدا ئۇنىڭ ئاغزىدىكى نەرسىنى ئېلىۋېلىپ، قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىك كېرەك، پەقەت ئۇلارغا ئويۇنچۇق تاللىغاندا بىخەتەر، زەھەرسىز بولغان نەرسىلەرنى تاللىسا، ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ، ئويۇنچۇقنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىسىلا بولىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى