ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈشى نورمالسىز بولۇش ھەققىدە

بوۋاقنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈشى نورمالسىز بولۇش ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-03-15 ئاۋاتلىقى: 495 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەگەر بوۋاق تۆت ئايلىقتىن ئېشىپمۇ بېشىنى كۆتۈرەلمىسە ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش كېرەك. 
 ئادەتتە بويۇن تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنرەك بولسىمۇ بېشىنى كۆتۈرۈش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن ئادەتتە نورمال دائىرىدە بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك پەرۋىش ۋە مەشىقلەندۈرۈش
بوۋاقنىڭ بويۇن مۇسكۇللىرى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، باش كۆتۈرۈش مەشىقى جەريانىدا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، بويۇننىڭ زىيادە ئېگىلىپ، ئومۇرتقىنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.
بىخەتەرلىك پەرۋىشى
مەشىقلەندۈرۈش بوۋاق سەگەك، ئاچ قورساق ۋاقىتتا، ئېمىتىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىشى، كارىۋات تۈز، راھەت بولۇشى، مەشق جەريانىدا بىر قول بىلەن بوۋاقنىڭ بوينىنى قوغداپ تۇرۇش، ھەرىكەت يېنىك بولۇشى لازىم.
ھەر قېتىملىق مەشىق ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى، دەسلەپتە 10 سىكۇنت ئىچىدە كونترول قىلىش، بارا بارا ئۇزارتىش، ھەر كۈنى 3~4 قېتىم داۋاملاشتۇرۇش، ھەر قېتىملىق مەشق ۋاقتى 2 مىنۇتتىن ئاشماسلىقى كېرەك.
كونكىرت مەشق ئۇسۇللىرى
بوۋاقنى تىك ھالەتتە قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ئىككى قولدا ئايرىم -ئايرىم باش ۋە بويۇن، بەل ۋە كاسا قىسمىنى تېرەپ تۇرۇش، بوينىنى تىرىگەن قول بىلەن ئاستا-ئاستا بېشىنى كۆتۈرگۈزۈش، ھەرىكەت دائىرىسى دەسلەپتە كىچىكرەك بولۇش، بارا- بارا چوڭايتىپ 45گرادۇسقا ئۆرلىتىش، ھەر قېتىمدا 3-4 قېتىم تەكرارلاش لازىم. ياكى بوۋاقنى ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇش يەنى ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق جەلپ قىلىپ ئۆزىگە ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئارقىلىقمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى