ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆمىلەشنىڭ بىنورمال بولۇش ھەققىدە چۈشەنچە

ئۆمىلەشنىڭ بىنورمال بولۇش ھەققىدە چۈشەنچە

ۋاقتى: 2015-10-05 ئاۋاتلىقى: 630 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

       ئەگەر بوۋىقىڭىز بىر ياشقا كىرىپمۇ ھېچقانداق ھەرىكەتكە بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىمىسە ۋە پۇت-قولىنى ماسلاشتۇرۇپ نورمال ھەرىكەتلەندۈرەلمىسە ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش لازىم. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى يېتىلىشى نورمال بالىلاردىن بىر قانچە ئاي كېيىن بولۇشى نورمال ئەھۋال.
       نورمال ئەھۋالدا،  ئەگەر بوۋىقىڭىزنىڭ ئۆمىلىشى كېچىككەن بولسا، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ. ئادەتتە ئوخشىمىغان بالىلاردا پەرق مەۋجۇت بولىدۇ. 10 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن بىمالال ئۆمىلىيەلەيدىغان بولغان بولسا، بەزىلىرى ئەمدىلەتىن ئۆگەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە 10 ئايدىن ئېشىپمۇ ھېچقانداق ھەرىكەت يۈزلىنىشى بولمىسا ئاندىن بىنورمال ھېسابلىنىدۇ.
         ئادەتتە، تېز ئۆمىلىگەن بالىلارنىڭ ئايىغىنىڭ چىقىشىمۇ تېز بولىدۇ. بەزى بوۋاقلار ئۆمىلىيەلمەيدىغان بولماستىن، ئۆمىلەش پۇرسىتى بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلارغا يېتەرلىك شارائىت يارىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقنى ھەدېسىلا يۆگەككە ئېلىۋالماي، ئەركىن ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ئويۇنچۇق قاتارلىقلار بىلەن جەلپ قىلىپ ئۆمىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇنىڭدىن باشقا سېلىنچا سېلىپ بېرىش ياكى تىزلىق تەييارلاش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ تىزى ئاغرىپ ئۆمىلەشتىن زېرىكىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى