ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار زاكىسى تاللاش ھەققىدە ئومۇمىي ساۋات

بوۋاقلار زاكىسى تاللاش ھەققىدە ئومۇمىي ساۋات

ۋاقتى: 2015-10-12 ئاۋاتلىقى: 545 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۈمۈرۈش مىقدارىغا قاراش كېرەك. كۆپ مىقداردىكى سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈۋالالايدىغان بوۋاقلار زاكىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىمۇ ئاز بولىدۇ، بەزى بوۋاقلار زاكىلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان بولغان بىلەن، سۈمۈرۈش مىقدارى ئاز بولىدۇ، توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 
زاكىنىڭ بىر قېتىم ھۆللۈكنى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن قۇرۇش دەرىجىسىگە قاراش كېرەك، ياخشى مەھسۇلاتلار مەلۇم مىقداردىكى سۇ تەركبىنى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن يەنىلا قۇرۇق تۇرىدۇ، بوۋاقنىڭ تېرىسىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلايدۇ، ئىشلىتىش تېخىمۇ ئەپلىك. 

بوۋاققا كىيدۈرگەندىن كېيىنكى شەكلىگە قاراش كېرەك. ياخشى مەھسۇلاتلار مەلۇم مىقداردىكى سۇ تەركىبنى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈن، تەكشى ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئەكسىچە، ناچار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، بېسىلىپ كەتسە ياكى سۇ تەگسە، پاختىسى بۆلۈنۈپ، ياكى بىرلىشىۋېلىپ، بالىنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق زاكىلارنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. 
ياخشى بولغان بوۋاقلار زاكىسى سىرتىدىن قارىغاندا پاكىز، رەتلىك، پۇراقسىز، يۈزى قىسمىدا بۇزۇلۇپ كەتكەن يەرلىرى بولمىغان، داغ ئىزلىرى بولمىغان بولىدۇ، ئېغىزى ئېچىلىپ كەتمىگەن بولىدۇ. ئۇنى ئېچىپ، يۈزىدىكى بىر قەۋەت قەغىزىنى ئېلىۋەتكەندە، ئىچىدىكى پاختىسى چېچىلىپ تۇرىدۇ، پاكىز، داغسىز بولىدۇ. 
بوۋاقلار زاكىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم، ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا NB نومۇرلۇقنى تاللاش كېرەك، ھەرگىزمۇ S نومۇرلۇقنى تاللىماسلىق كېرەك. زاكىنىڭ ئوراش خالتىسى ئۈستىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەم جەدۋىلىنىڭ بوۋىقىڭىزنىڭ يېشى ۋە دەۋرىگە ئاساسەن بوۋاقلار زاكىسى تاللىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ. ئەگەر بوۋىقىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەم جەدۋىلىنىڭ يۇقىرى چېكىگە يېقىنلىشىپ قالسا، چوڭراق نومۇرغا ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ. 
بەل قىسمىنىڭ ئىزمىسى ئېلاستىكىلىق بولسا ياخشى، ئىزمىسى رەڭسىز، سۈزۈك بولغىنىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. زاكىنىڭ ئارقا بويى ئۇزۇن بولغان ياخشى. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى