ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قاتما كېسەللىكىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى

قاتما كېسەللىكىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى

ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 762 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۆڭەك سۇنۇش، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش، نەپەس توختاپ قېلىش قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر يۈز بېرىدۇ.
1. تۇنجۇقۇپ قېلىش: بوغۇز نەپەس ئېلىش مۇسكۇلنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە بەلغەمنىڭ كاناينى توسۇۋېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. ئۆپكە ياللۇغلىنىش: بوغۇز تارتىشىپ قېلىش، نەپەسلىنىش يولى راۋان بولماسلىق، كانايدا شىلىمشىق ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، بەدەننى نورمال ئۆرۈيەلمەسلىك قاتارلىقلار ئۆپكە ياللۇغلىنىش، ئۆپكە كۆپمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى.

3. كىسلاتادىن زەھەرلىنىش: نەپەس راۋان بولماسلىق، نەپەس يېتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەردىن نەپەسلىنىش خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. مۇسكۇل جىددىي قىسقىرايدۇ، تاماق يېيەلمىگەچكە بەدەندىكى ياغ تولۇق پارچىلىنالماسلىقىدىن ھاسىل بولغان ھاسىلات مېتابولىزم خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
4. قان ئايلىنىش زەئىپلىشىش: قان يېتىشمەسلىك، زەھەرلىنىش قاتارلىقلار يۈرەك رېتىمسىز سوقۇشىنى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يۈرەك زەئىپلىشىشنى ھەتتا شۈك بولۇپ يۈرەك سوقۇش توختاپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېسەلنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەر، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش لازىم.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى