ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئون ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ قانداق ئويۇنچۇقلىرى بار؟

ئون ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ قانداق ئويۇنچۇقلىرى بار؟

ۋاقتى: 2015-04-07 ئاۋاتلىقى: 486 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئاسان تۇتۇۋالالايدىغان كىچىك توپ، ئاۋاز چىقىرالايدىغان ئويۇنچۇقلار، كىچىك ئويۇنچۇق ماشىنىغا ئوخشاش سۆرەپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلار، ئويۇنچۇق تېلېفون، كىچىك كىسىلوفون، كىچىك دۇمباق، كىچىك مېتال قازان-قومۇچلار، سىقسا ئاۋاز چىقىرىدىغان رېزىنكە ئويۇنچۇقلار شۇنداقلا ئۇلار يىرتىۋېتەلمەيدىغان رەخت كىتابلار قاتارلىقلار. 

ھايۋانات شەكىللىك ئويۇنچۇقلار، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە رەڭگى ھەرخىل توپلار، تېگى چوڭ ۋە ئېغىرراق، ئەمما بوۋاقلار ئىتتىرىپ يېقىتالايدىغان يەللىك قونچاقلار، تارتىپ ماڭغاندا ئاۋاز چىقىرىدىغان ياكى دوراپ ئاۋاز چىقىرالايدىغان ئويۇنچۇقلار، يەنە چوڭ قونچاق، «بابى مەلىكە» قونچاقلىرى، كىچىك ماشىنىلار، سۇلياۋ قۇتا، سۇلياۋ قاچىلار ۋە ۋارونكا قاتارلىقلار بار. 
كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سىزىمى ۋە تېگىشىش سېزىمى قاتارلىقلارنى چېنىقتۇرىدىغان ئويۇنچۇقلار: ھەرخىل رەڭلىك نىقابلار، ھەرخىل رەڭلىك سۇلىياۋ ئويۇنچۇقلار، ئەينەك، رەسىم، كىچىك ھايۋاناتلار، يېقىملىق ئاۋاز چىقىرالايدىغان قوڭغۇراقلار، كىچىك دۇمباق، مۇزىكا قۇتىسى، شامال قوڭغۇرىقى، قولغا ئالغاندا قول سەزگۈسى ئوخشاش بولمىغان ئويۇنچۇقلار، مەسىلەن، يۇڭلۇق ئويۇنچۇقلار، يېپەكتە توقۇلغان ئويۇنچۇقلار، كارىۋات بېشىغا تىزىپ قويۇلىدىغان قاتتىق ئويۇنچۇقلار، دېڭىز ساھىللىرىدا ئوينايدىغان توپ قاتارلىقلار. 
ياسىلىشى بىرقەدەر ئاددىي، سانى ئاز، چوڭراق بولغان، ئاسان قۇراشتۇرغىلى بولىدىغان كۇبىك ياغاچ شەكىللەر. 
بوۋاقلار ئاسان كىرىشىدىغان ئويۇنچۇقلار، مەسىلەن، بىر يۈرۈش ئاشخانا سايمانلىرىغا ئوخشاش كىچىك تىپتىكى ئويۇنچۇقلار، ئۇلارنى سالىدىغان كىچىك ئىدىش، سېۋەت، يەشىك قاتارلىق نەرسىلەر. بوۋاقلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۇنىڭغا سېلىپ ئېلىپ ئوينايدۇ. ياكى بوۋاقلارغا ئاغزىنى ياپقىلى بولىدىغان كىچىك قاپ، بوتۇلكىلارنى بەرگەندە، ئۇلار ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئېتىپ ئوينايدۇ. 
ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزغىلى بولىدىغان ئويۇنچۇقلار: بوۋاقلار بۇلارنى ئۆزى چۇۋۇپ، يەنە ئۆزى ئۈستى-ئۈستىگە دەستىلەپ ئوينايدۇ، تەرتىپ بويىچە قىلالمىسىمۇ ھېچقىسى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا ساپما ھالقىلارنى بېلىكىگە سېلىپ ئويناشقا ئۈندىسىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل ئويۇنمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن مەشىق ھېسابلىنىدۇ. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى