ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى نېمە سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى نېمە سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-31 ئاۋاتلىقى: 607 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇرغۇنلىغان باكتېرىيەلەر  قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ۋىرۇس ئاساجى A16 تىپلىق، بۇنىڭدىن باشقا ئاساجى ۋىرۇسىدىن باشقا تىپتىكىلىرى ياكى ئۈچەي يولى71 تىپلىق ۋىرۇس قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. كىساچى ۋىرۇسى بولسا ئۈچەي يولى ۋىرۇسنىڭ بىر خىل تۈرى، ئۈچەي يولى ۋىرۇسى : يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى، كىساچى ۋىرۇسى ۋە ئەيكى باكتېرىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقۇملىنىش ئورنى ئېغىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەزىم قىلىش يوللىرى، ئاساسلىقى بۇلغانغان يېمەكلىك، ئىچىملىك، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى يېيىش ئارقىلىق بەدەنگە كىرىدۇ. ئۈچەي يولىدا كۆپىيىدۇ.


قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى ئاساسلىقى 10 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، بىراق چوڭلاردىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئادەمنى يۇقۇملىنىش ئوبىيېكتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەدەن پەقەت مۇشۇ تىپتىكى ئانتىتىللاسىغا ئىگە بولىدۇ، باشقا تىپتىكىلەرگە نىسبەتەن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى يوق. شۇڭلاشقا قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىگە بىر قېتىم گېرىپتار بولغان ئادەمنىڭ يەنە يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالاھىدىلىكى، تۇيۇقسىز قوزغىلىش بولۇپ دەسلىپىدە قىزىتمىسى 38℃ ئەتراپىدا بولۇپ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ.قىزىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى، قول پۇت تېرىلىرىدە  دىئامېتىرى2-10 مىللىمېتر بولغان ئەتىرگۈل رەڭلىك ئۇششاق  ئەسۋە بولىدۇ. بارا-بارا سۇلۇق ئىششىق ھاسىل بولىدۇ. ئەتراپىغا قان تولۇپ ئىششىيدۇ. تېرىدىكى سۇلۇق ئىششىق ئاغرىمايدۇ ھەم ئاسان تېشىلىپ كەتمەيدۇ، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قاداق شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئېغىز بوشلۇقىدىكى سۇلۇق ئىششىقلار بولسا ئاسانلا تېشىلىپ، بىرلىشىپ كېتىدۇ. سىرتقى يۈزىدە ئادەتتە بىر قەۋەت يالغان پەردىسى بولىدۇ، ئاغرىقى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.كېسەل بالىدا تاماق يېمەسلىك، كۆپ يىغلاش، شۆلگىيى ئېقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەل بولسا ئۆزلىكىدىن  ساقىيىدىغان كېسەل، ساقايغاندىن كېيىن كېسەللىك ئاسارىتى قالمايدۇ. بىراق ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، بەزى بىمارلادا يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئوخشاش كېسەللىك ئاسارىتى قېلىپ قالىدۇ. ئەگەر قىزىتما چۈشمىگەن ئەھۋالدا تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى