تۇخۇم بىلەن ئورالغان پالەك مانتىسى
ۋاقتى: 2013-07-10
ئاۋاتلىقى: 749 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق يېشى: 12 ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: پالەك 200 گرام، ئاشكۆكى، تۆت تال تۇخۇم، تۇز، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) پالەكنى پاكىز يۇيۇپ، تۇز سېلىنغان قايناقسۇغا باسىمىز، ئاندىن ئۇنى سۈزىۋېلىپ، سوۋۇتۇپ قۇرىتىمىز.
2) ئاشكۆكىنى يەنە شۇ قايناقسۇغا بېسىپ سۈزىۋالىمىز.
3) پالەككە مۇۋاپىق تۇز ۋە كۈنجۈت مېيىدىن مۇۋاپىق ئارلاشتۇرىمىز.
4) تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ ئازراق تۇز قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈز تەگلىك قازاندا تۆت تال پوشكال قىلىمىز.
5) تەييارلانغان پالەكنى تۇخۇم پوشكىلىغا ئوراپ، سىرتىنى ئىككى تال قايناقسۇغا بېسىلغان ئاشكۆكى بىلەن چىگىمىز.
Tags: