ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟

قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-06-22 ئاۋاتلىقى: 636 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلار: ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلاردىن يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئانا سۈتى تەركىبىدە كۆپ خىل ماددىلار بولغاندىن سىرت ئۇنىڭدا يەنە تائۇرېن دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، كالا سۈتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تائۇرېننىڭ مىقدارى ئون ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى ئىكەن.

2. ئۇيقۇسى يېتەرلىك بالىلار: بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، سەككىز سائەتتىن ئاز ئۇخلىغان 61 پىرسەنت بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولغان، مەجبۇرىي ئۇخلاپ، نەتىجىسى ئوتتۇرىچە نۇمۇر سىزىقىغا يەتكەن 39 پىرسەنت بالىدىن بىرسىمۇ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلمىگەن؛ ئەمما، ئون سائەت ئۇخلىغان 76 پىرسەنت بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىھال، 11 پىرسەنت بالىنىڭ ئەلا، پەقەت 3 پىرسەنت بالىنىڭ ناچار بولغان.

تەھرىر تەۋسىيەسى:
3. داۋاملىق تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلار: ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 20 مىنۇت يۈگۈرىدىغان ھەم گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىق تەنھەرىكەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايدىغانلاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.
4. ئۆگىنىش مۇھىتى ياخشى بالىلار: ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، شاۋقۇن مۇھىتتا ياشىغان يەتتە ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراش ئىقتىدارى نورمال مۇھىتتا ياشىغان بالىلاردىن تۆۋەن بولغان، ئىككى ياشقا كىرگەندە تىلى چىقىشىمۇ ئارقىدا قالغان. فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاۋقۇن 55 دېتسىبېل بولغاندا، بالىنىڭ خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 4.3 پىرسەنت بولغان؛ شاۋقۇن 60 دېتسىبېل بولغاندا، خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى ئۆرلەپ 15 پىرسەنتكە چىققان. ياپونىيەلىك ئالىملار خۇش پۇراقنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، يەنى خۇش پۇراق مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆرۈش سىزىمى، ئىنكاسى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىناق ئائىلە مۇھىتىمۇ بالىلارنىڭ ئەقىللىق چوڭ بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەن.
5. ئەتىگەندە ناشتا قىلىدىغان بالىلار: تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ناشتا قىلمىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى