ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يىقىلىپ سۆڭەك سۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

يىقىلىپ سۆڭەك سۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2015-07-04 ئاۋاتلىقى: 592 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلار گاھىدا كەپسىزلىك قىلىپ يۈگۈرۈپ ئوينايدۇ، ئاتا-ئانىلار ئاستا يۈگۈرۈشكە دەۋەت قىلسىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. كىچىك بالىلار ئاسانلا يىقىلىپ چۈشىدۇ، گاھىدا ئۆزى تۇرۇپ كېتىپ يەنە يۈگۈرۈشنى داۋام قىلىدۇ. بىراق گاھى چاغلاردا ئىش ئۇنداق ئوڭدىن كەلمەستىن ئېسەدەپ يىغلاپ كېتىدۇ. بالا يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغان چاغدا ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن سۆڭەكنىڭ سۇنغان-سۇنمىغانلىقىغا قاراش، سۆڭەكنىڭ سۇنمىغانلىقى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار تۆۋەندىكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.


    سۆڭەكنىڭ سۇنغان-سۇنمىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش:
 ئەگەر بالا قاتتىق يىقىلىپ چۈشكەن بولسا، روشەن سۇنۇق ئالامەتلىرىدىن: قاتتىق ئاغرىش، ھەرىكەت قىلالماسلىق، يارىلانغان ئورۇننى باسقاندا ئاغرىش، يارىلانغان ئورۇن ئىششىش، تېرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىقلار. بوغۇم چىقىپ كەتكەن ياكى ئېغىر دەرىجىدە سۆڭەك سۇنغاندا يارىلانغان ئورۇننىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ.
مۇناسىپ تەدبىرلەر: ئەگەر پۇت-قوللارنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرىسا،  يارىلانغان ئورۇندا ئىششىش، نورمال شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە تېزدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك. دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدا يارىلانغان ئورۇننىڭ تولغىشىپ كېتىشىدىن، قوزغىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر سۇنۇق پۇت-قوللاردا كۆرۈلسە ئالدى بىلەن سۇنغان ئورۇننىڭ ئىككى تەرىپىنى تاختا بىلەن مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، ئەگەر سۇنۇق بەل، كۆكرەك، قوۋۇرغا قاتارلىقلاردا كۆرۈلسە  بالىنى بىر تال تەكشى تاختايغا ياتقۇزۇپ تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا كۆتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىش كېرەك. بالىنى يۈدۈپ، قۇچاقلاپ يۆتكەشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن سۇنغان سۆڭەك ئەتراپتىكى نېرۋا، قان تومۇر قاتارلىقلارنى زەخىملەندۈرۈپ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. سۇنغان ئورۇندىن قان چىققان ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن بېسىپ قان توختىتىش ياكى رېزىنكە قاتارلىقلار ئارقىلىق باغلاپ قان توختىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. يارىلانغان ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، توقۇلمىلارغا قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر يېرىم سائەتتە چىگىكنى بىر قېتىم بوشىتىپ بېرىش كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى