ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قاتما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟(1)

قاتما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟(1)

ۋاقتى: 2015-05-16 ئاۋاتلىقى: 499 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.ئادەتتىكى كۈتۈش: كېسەل بوۋاقنى تىنىچ، ھاۋاسى ساپ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ھاۋا ئۆتۈشۈشتىن ساقلىنىش. قارا رەڭلىك پەردىلەرنى تارتىش، ئاۋاز ۋە نۇرنىڭ غىدىقلىشدىن ساقلاش، تىرناقلىرىنى ئېلىۋېتىش، ئالقىنىغا قۇرۇق پاختا مۇنەكچىسى تۇتقۇزۇپ قويۇش ئارقىلىق كېسەل قوزغالغان چاغدا ئۆز ئالقىنىنى زەخمىلەندۈرۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ھەرخىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئىمكانقەدەر تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار ئەڭ ياخشى رولنى جارى قىلدۇرغان شارائىت ئاستىدا ئېلىپ بېرىش، ھەرىكەت يېنىك چاققان بولۇش، ئىمكانقەدەر كېسەلنىڭ قوزغىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.


2. قاتمىنى تېزگىنلەش: بۇ كېسەللىكنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا قاتما تاياقچە باكتېرىيسى ئاجرىتىپ چىقارغان سپازما توكسىنى يۇلۇن ھۈجەيرىسى ۋە مېڭە غولى ھەرىكەت نېرۋا مەركىزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مۇسكۇللارنىڭ قاتتىق تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتۇر. تارتىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان تۇنجۇقۇپ قېلىش بولسا ئۆلۈم كېلىپ چىقىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر، شۇڭلاشقا تارتىشىپ قېلىشنى تىزگىنلەش  بۇ كېسەلنى داۋالاشتىكى مۇھىم ھالقا.
3. قاتما ئانتىتوكسىنىنى ئىمكانقەدەر تېزرەك ئىشلىتىش: قاتما ئانتىتوكسىنىنى 10- 20مىڭ بىرلىك بويىچە ۋېنادىن ئوكۇل قىلىش، ئۇدا 2-3 كۈن ئىشلىتىش، ئىشلىتىشتىن ئاۋال تېرىدە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيسى ئىشلەش لازىم. قاندىكى ۋە نېرۋا توقۇلمىسىدىكى ئەركىن ھالەتتىكى توكسىننى يوقۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ.
4. تىنچلاندۇرغۇچى ئىشلىتىش: لۇمىنا ئوكۇلى بىلەن ئەندىڭنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەندىڭنىڭ مۇسكۇلنى بوشاشتۇرۇش ۋە تارتىشىپ قېلىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى تېز ۋە كۈچلۈك، ئەكىس تەسىرى ئاز، يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى قىسقا، 0.2~0.3mg/kg ئۆلچەم بويىچە ۋېنادىن ئاستا ئوكۇل قىلىنىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ 4-6 سائەتتە بىر قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لۇمىنا ئوكۇلنىڭ تارتىشىپ قېلىشنى توختىتىش ئۈنۈمى ياخشى،  تەسىر ۋاقتى ئۇزۇن، ئادەتتە ئوكۇل قىلىش مىقدارى 5mg/kg/day،2-3 قېتىمغا بۆلۈپ ئۇرۇلىدۇ. كېسەل قوزغالغان چاغدا ۋاقىتلىق 15~20mg/kg ئۆلچەم بويىچە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىراق بۇ دورىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئۇزۇن، ئىشلەتكەندە  بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ دورىنىڭ قاندىكى قويۇقلۇق مىقدارىنى ئۆلچەپ تۇرۇش لازىم. بۇندىن سىرت كېسەل قوزغالغاندا يەنە%10  خلورال گىدراتنى  0.5ml/kg لىق ئۆلچەم بويىچە مەقئەتتىن ئۈچەيگە ئۇرۇشقا بولىدۇ. ھەرخىل تىنىچلاندۇرۇش دورىلىرىنىڭ تەڭشىلىشى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، بوۋاقنى ئۇيقۇ ھالىتىگە كەلتۈرۈش، غىدىقلاشلار تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغۇدەك مىقداردا بولسىلا كۇپايە، ھەددىن زىيادە ئۇرۇۋېتىپ نەپەسلىنىش مەركىزىنىڭ تىزگىنلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ئىشلىتىلىشى: يارا ئېغىزىدىكى قاتما تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەپ، ئۇنىڭ ئېكسوتوكسىن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەيدۇ. يەنە بوۋاقلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغى، سېپتىتسېمىيە قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەتتە پېنسىلىن تاللىنىدۇ. كۈنىگە ھەر كىلوگىرامىغا 10-12 بىرلىك بويىچە 7-10 كۈنگىچە ئۇدا ئىشلىتىلىدۇ. جىياشاۋزونى بىرلەشتۈرۈپ  قېتىم 7.5mg/kg/، ھەر 12 سائەتتە بىرقېتىم ۋېنادىن ئوكۇل قىلىش لازىم.
5. غىزالىنىش ۋە ئوزۇقلۇق: دەسلىپىدە كېسەل بوۋاقتا كۆپ تارتىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئېنېرگىيە خورىشى كۆپىيىپ كېتىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېمىشى قىيىنغا توختايدىغان، تاماق يېگۈزمەيدىغان بولغاچقا، بالىغا ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق ۋە سۇ تولۇقلاپ بوۋاقنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، 24 سائەت داۋاملىق بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان سۇيۇقلۇق ۋە ماددىلار مەسىلەن: ئامىنو كىسلاتاسى، قان پلازمىسى، ئالبۇمىن قاتارلىقلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق ئوزۇقلىنىشى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. ۋېنادىن كىرگۈزۈلىدىغان سۇيۇقلۇقنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىمكانقەدەر ۋېنا يىڭنە ئورۇنلاشتۇرغۇچ ئىشلىتىپ يىڭنە سانجىش قېتىم سانىنى ئازايتىش لازىم.دورىلارنىڭ تەڭشىلىشىنىڭ چەكلىنىشىگە دىققەت قىلىش. ئاخىرقى مەزگىلىدە تارتىشىش قېتىم سانى ئازلىغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بۇرۇندىن شىلانكا ئارقىلىق سۈت ۋە يېمەكلىك بېرىش، تىنچلاندۇرغۇچى ئۈنۈم بەرگەندىن كېيىن ئوزۇقلاندۇرۇش شىلانكىسىنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. شلانكىنىڭ يۇمشاق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر قېتىم بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇشتىن  بۇرۇن ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرتۈپ ئېلىش، ئەگەر ئاشۇرۇپ قويغان مىقدارى كۆپ بولسا، مىقدارىنى ئازايتىش ياكى سەل توختىۋېلىپ ئاندىن بېرىش، ياندۇرۋېتىپ ئۆپكە ياللۇغى ياكى تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش. كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولغاندىن كېيىن شىلانكا ئىشلەتمەي بىۋاسىتە ئېمىتىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئېمىش ۋە يۇتۇش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ جەريانىدا قېقىلىپ يۆتىلىپ كېتىشىدىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى