قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قانداق؟ قانداق دىياگنوز قويۇش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى يۈز بەرگەن چاغدا، ئادەتتە قىزىتىشتىن باشلىنىدۇ، قىزىتما ئوخشاش بولمايدۇ، قىزىتمايدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بىراق كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قىزىتىدىغانلارنىڭ سانى يېرىمدىن كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. يەنە شالۋىقى ئېقىش، بۇرۇندىن سۇ قۇيۇلۇش، ئېغىز ئاغرىش، گال ئاغرىش، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كىلىنىكىدا ئېغىز ۋە قول پۇتلارغا سۇلۇق قاپارتقۇ چىقىش ئاساسى ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىقى تىل، جاغ شىللىق پەردىسى، قاتتىق تاڭلاي، يۇتقۇنچاق ۋە بادام بېزى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. 3مىللىمېتىر چوڭلۇقتا بولىدۇ. تېز سۈرئەتتە تېشىلىپ جاراھەت پەيدا قىلىدۇ. ئەسۋە كۆپىنچە قول پۇتلارنىڭ ئۇچى، بارماقلارنىڭ ئاراچلىرى، پۇتنىڭ چۆرىسى، تىرناق ئەتراپى ئالقان ۋە تاپاننىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ، پۇت ۋە كاسسا ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئەسۋە توپلىشىپ دۆڭچە ئەسۋە شەكلىدە بولىدۇ. دەسلەپتىكى داغ شەكللىك ئەسۋەدىن بارا-بارا 3-7مىللىمېتىر چوڭلۇقتىكى يۇمىلاق ياكى ئېللىپىسسىمان قاپارتمىغا ئايلىنىدۇ. سۇ چېچىكى قاپارتمىسىغا قارىغاندا كىچىك، قاتتىق، ئەتراپىدا قىزىل رەڭلىك ھالقىلار بولىدۇ. يېنىك بولغاندا قاپارتمىنىڭ سانى بىر نەچچە تال، ئېغىر بولغاندا نەچچە ئونغا يېتىدۇ. كېسەللىك جەريانى بىر ئاز قىسقا، ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەسۋە يوقالغاندىن كېيىن ئادەتتە تاتۇق ياكى داغ قېپ قالمايدۇ. ئەگەر ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە تېرىگە بولغان زەخمىسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.