ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-22 ئاۋاتلىقى: 634 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

   ياخشى دادا بولغۇڭىز بارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە تۆۋەندىكىدەك توققۇز تۈرلۈك ساپانى ھازىرلىسىڭىز، سىز چوقۇم ياخشى دادا بولالايسىز.
1. سەۋرچان بولۇش
   بۇ ياخشى دادا بولۇشنىڭ ئەڭ ئاساسى شەرتى، يەنى پەرزەنتىڭىز بۇنىڭغا ئەڭ ئېھىياجلىق. دادىنىڭ سەۋرچانلىقىدىن پەرزەنتلەر دادىنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.

2. پەرزەنت تەربىيەلەش بىلىمى مول بولۇش
   پەرزەنت تەربىيەلەش بىلىمى يوق دادا قانداقمۇ ياخشى دادا بولالىسۇن؟ دادا بولغۇچى دائىم پەرزەنت تەربىيەلەش داۋامىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
3. ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولۇش
   ئىنچىكە، ئەستايىدىل دادا بىلەن بىرگە تۇرغاندا، پەرزەنتلەر ئازادە ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھىس قىلالايدۇ.
4. ھەققانىي ۋە سەمىمىي بولۇش
   بۇ ئادەم بولۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسى ساپا، دائىم ھەققانىي ۋە سەمىمىي دادىلار بىلەن بىرگە تۇرغاندا، پەرزەنتلەر چوقۇم ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ ئۇلاردىن تەسىرلىنىدۇ.
5. ساغلام بەدەن بولۇش
   ئانىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەرزەنتلەر دادىسى بىلەن ئويناشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. دادا بولغۇچى بالىلىرىنى ئېلىپ بەزىبىر تەۋەككۈلچىلىك ۋە غىدىقلىغۇچى خاراكتېردىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇلسا، بالىلار بۇنىڭدىن ئانچە قورقۇنچ ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى، دادىنىڭ ساغلام بەدىنى ئۇلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولالايدۇ.
6. مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇش
   ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى قوغداش ھەر بىر دادىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
7. بالىلارغا كۆپرەك ۋاقىت بېرىش
   دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ياخشى بولغان ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنىڭ بولۇشى ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇچرىشىش، ئالاقە قىلىش داۋامىدا ئورنىتىلغان بولىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، پەقەت خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ پەرزەنتلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىت ئاجرىتالمايدىغان دادىلار قانداقمۇ ياخشى دادا ھېسابلانسۇن؟
8. كەڭ قورساق بولۇش
   ياخشى دادىلار كەڭ قورساق بولغاندا پەرزەنتلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپلا قالماي، پەرزەنتلەر ئىش قىلغاندا ئىشقا پىششىق بولىدۇ. ئىجادىي تەپەككۇرغا باي بولۇپ يۈرەكسىز بولۇپ قالمايدۇ.
9. ئايالى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە چىقىشىپ ئۆتۈش
   ئايالى بىلەن مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە چىقىشىپ ئۆتۈش پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاساسى .

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى