ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3ياشلىق 1-3ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خۇلاسىسى

3ياشلىق 1-3ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2016-01-14 ئاۋاتلىقى: 534 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چوڭ بالىلارغا ئوخشاش
بوۋىقىڭىزنىڭ ئۈچ ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىپ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە، ئوقۇش يېشى ئالدىنقى دەۋرىگە كىرگەنلكىنى تەبرىكلەيمىز. ھازىر بوۋىقىڭىز ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۆسمۈرگە، ھەيۋەتلىك ئۆسمۈرگە ئايلاندى. بوۋىقىڭىز بەدىنىدىكى مايلار ئاستا-ئاستا مۇسكۇللار تەرىپىدىن ئورۇن ئېلىنىدى. گەرچە ئانچە سېمىز بولمىسمۇ، بىراق يەنىلا خېلىلا تىمەن بالىلاردىن بولۇپ قالدى. 

كەيپىياتى باھارنىڭ ھاۋارايىغا ئوخشاش ئۆزگىرىشچان
بوۋىقىڭىزنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشى باھار ھاۋارايىغا ئوخشاش ئۆزگىرىشچان كېلىدۇ، يىغلايمەن دەپلا يىغلايدۇ، كۈلىمەن دەپلا كۈلىۋېرىدۇ، كەيپىياتى تۇراقسىز، ئاسان ئۆزگىرىدۇ. بۇ بوۋىقىڭىزنىڭ ئىچكى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ئاجىزلىقى، تىل تەڭشەش ئۆزگەرتىش ئىقتىدارنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىدىن بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئاسانلا سىرتقى دۇنيا تەسىرى ياكى كىچىك بالىلارنى غىدىقلىغاندا، كەيپىياتىدا ئاسانلا پارتىلاش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىدۇ.
خىيال ئىچىدىكى دوست
بالىڭىز دائىم «ھاۋا»بىلەن پاراڭلىشىدۇ. ئەنسىرىمەڭ، بۇ ياشتىكى كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ خىيالىدىكى دوستلىرى بولىدۇ. داڭلىق مائارىپشۇناس پىياجىنىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسەن، بۇ بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ «ئالدىنقى ھېسابلاش دەۋرى» دە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
ئالاھىدىلىكى بولسا تەپەككۇرى كونكېرىت ئوبراز تەپەككۇردىن باشلىنىپ، ئاستا-ئاستا تاشقى كۆرۈنۈشتىن پايدىلىنىپ تەپەككۇر قىلىشقا باشلايدۇ. بالىلارنىڭ خىيالدىكى دوستىلىرى بىلەن ئوينىغان ئويۇنى دەل بالىلارنىڭ مېڭىسىدىكى دوستىنىڭ قايتا پەيدا بولغانلىقىدىن ئىبارەت. 
قوزىڭىزنىڭ كۆپ ساندىكى گەپلىرىنى چۈشىنەلەيسىز
بالىلارنىڭ سۆز ئامبىرىنىڭ تېز سۈرەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، گرامماتىكىسىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى بارغانسېرى ئېنىق، توغرا بولىدۇ. ئۇ ھەتتا 3 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان ئۇزۇن جۈملىلەرنى سۆزلىيەلەيدىغان  بولىدۇ. ھازىر بوۋىقىڭىزنىڭ 4/3قىسىمدىن كۆپ سۆزىنى ئاساسى جەھەتتىن چۈشىنەلەيسىز. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى