ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەخلاق ۋە ئەقىل-پاراسەت بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئەخلاق ۋە ئەقىل-پاراسەت بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 664 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

0~1 ياشلىق بالىلاردا  ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە، پەقەت شەرتسىز سۆيۈشلا كۇپايە قىلىدۇ. ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاققا ئەخلاق تەربىيەسى قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق ئاتا-ئانىنىڭ ھەر تەرەپتىن غەمخورلق قىلىشى، بالىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يېتىلدۈرىدۇ. بۇ بالىنىڭ دۇنيانى ئاكتىپ ھېس قىلىشىنىڭ ئاساسىي بولالايدۇ. مەسىلەن، كۆپىنچە ھاللاردا ئانىسى يېنىدا ئەمەس ياكى بولمىسا ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان بالىلار ئۇرۇشقاق كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ دائىم ئۇرۇشىشىنىڭ سەۋەبى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغانلىقىدىن بولىدۇ. 


ئاتا-ئانىلارغا تەكلىپ  بالىڭىز يىغلىغان ھامان دەرھال ھەرقانداق ئىشىڭىزنى تاشلاپ قويۇپ يېنىغا بېرىڭ؛ ھەرگىز بالىڭىزغا ۋارقىرىماڭ؛ بالىڭىزنىڭ سەۋرچانلىقىنى ئاستا-ئاستا يېتىلدۈرۈڭ؛ بالىڭىزنىڭ ئىنكاسىنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاڭ؛ ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بارىچە بالىڭىزغا مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەڭ.
2~4 ياشلىق بالىلار  بالىڭىز گېپىڭىزنى ئۇقمىسىمۇ ئۇلارغا «ياق » دەڭ. 2~4 ياش ۋاقتى بالىلارنىڭ گەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقان ۋاقتى. بالىڭىز گېپىڭىزنى بىلگەن چاغدا ئۇنىڭ تىل قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 
ئاتا-ئانىلارغا تەكلىپ  بالىڭىزغا قەتئىي «بولمايدۇ » دەپ، بالىڭىزغا بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ؛ بالىڭىزنىڭ ئالدىدا تاكاللىشىشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى دوراش بالىلاردىكى ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى.
5~7 ياشلىق بالىلار  بۇ ياشتىكى بالىلارغا نىسبەتەن، ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنىڭ ئۆزىلا «ئاساسى قانۇن » ھېسابلىنىدۇ. بەش ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ ئۆزىنى بىلىش ئىقتىدارى تېز سۈرەتتە ئۆسىدۇ، ھەر كۈنى قانداق ئىشنى ئۆزىننىڭ خاھىشى بويىچە قىلىشنى ئويلايدۇ، بۇ چاغدىكى ئەخلاق تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بالىغا ئەخلاق قىممەت قارىشىنى ئۆگىتىپ قويۇشى كېرەك، بۇ بالىنىڭ كېيىنكى ئەخلاق شەكلىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل.
ئاتا-ئانىلارغا تەكلىپ  كىنو، تىياتىر ياكى كىتابلاردا سۆزلەنگەن ھېكايىلەردىكى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق، بالىدا ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈش تەجرىبىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، بالىلارنىڭ گەپ ياندۇرغىنىغا قاراپ ئۇلاردىن خاپا بولۇپ كەتمەسلىك، بالىغا «مېنىڭ» بىلەن «باشقىلارنىڭ» ئۇقۇمىنى ئايرىۋېلىشنى ئۆگىتىش كېرەك، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگىتىپ، بالىنى ئۆزىنى مەركەز قىلىش خىيالىدىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. 
8~10 ياشلىق بالىلار بالىلارغا لايىق بولغان بىر «ئەخلاق ئوقۇشلۇقى» نى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، يېرىمدىن ئارتۇق ۋاقتى ئاتا-ئانىلاردىن ئايرىلغان بولىدۇ، ھەمراھى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ ئەخلاق ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنداق چاغدا بالىلارنىڭ ياخشى-ياماننى ئايرىش ئېلىش ئۆلچىمى يەنىلا قالايمىقان بولىدۇ. 
ئاتا-ئانىلارغا تەكلىپ بالىڭىزغا يەنە بىر قېتىم «ياق»دەپ، سەۋرچانلىق بىلەن تەھلىل قېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىڭ؛ جىنسىي تەربىيەنى ۋاقتىدا قىلىڭ؛ بالىڭىزدا تورنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىڭ. 
ھاياتلىق ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى