بەرەڭگە گۈرۈچ ئۇمىچى
ۋاقتى: 2016-06-06
ئاۋاتلىقى: 522 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: تۆت ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: بەرەڭگىدىن 50 گرام، گۈرۈچ ئۇنىدىن 10 گرام، ئىلمان قايناقسۇدىن 150~200 مىللىلېتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) بەرەڭگىنى ئاقلاپ، پاكىز يۇيۇپ توغرايمىز.
2) بەرەڭگە ياپراقچىسىنى سۇدا پىشۇرىمىز.
3) بەرەڭگىگە ئىلمان قايناقسۇ قۇيۇپ، ئېزىپ لاي ھالەتكە ئەكىلىمىز.
ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈرۈچ ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، قازانغا سېلىپ بەش مىنۇت دۈملەيمىز.
Tags: