ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار ھۆل تەمرەتكىسىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟

بالىلار ھۆل تەمرەتكىسىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟

ۋاقتى: 2016-08-12 ئاۋاتلىقى: 588 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھۆل تەمرەتكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر بىر قەدەر مۇرەككەپ، شۇڭلاشقا بالىنىڭ يېشى، تەمرەتكە چىققان ئورۇننىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ياشاش مۇھىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئىپادىسىمۇ كۆپ خىل بولىدۇ، ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:


1. مايلىق تىپتىكى: ئۈچ ئايلىقتىن تۆۋەن بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىقى، پېشانە، مەڭز، تاغاقنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تېرە قىزىرىپ، سېرىق رەڭلىك مايلىق قاقاچ قاپلايدۇ، باش تېرىسىدە  قېلىن سېرىق رەڭلىك مايلىق قاقاچ بولىدۇ، كىيىن ئاستىنقى ئېڭەك، ئارقا بويۇن، قولتۇق ۋە تېقىم قاتارلىقلارغا تارقىلىدۇ، قىزىرىپ تېشىلىدۇ. بىز بۇنى مايلىق تىپتىكى ھۆل تەمرەتكە دەپ ئاتايمىز. ئادەتتە 6 ئايلىق بولغاندىن كىيىن يېمەكلىك بېرىلىشكە باشلىغاندىن باشلاپ  ئاستا-ئاستا ساقىيىپ كېتىدۇ.
2. سېرىق سۇلۇق تىپتىكى: ئادەتتە 3 ئايلىقتىن 6 ئايلىققىچە بولغان سېمىز بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ، ئىككى مەڭزىدە سىممېترىك ھالەتتە ئۇششاق قىزىل رەڭلىك ئەسۋە چىقىش بىلەن بىرگە ئۇششاق سۇلۇق قاپارتما ۋە بىرىكىپ كەتكەن قىزىل داغلار پەيدا بولىدۇ. جاراھەت، سېرىق سۇيۇقلۇق، قاقاچ پەيدا بولىدۇ، تاتىلاشتىن كېلىپ چىققان قاناش جاراھەت يۈزىنى قاپلايدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا پۈتۈن بەدەنگە تاراپ كېتىدۇ، يەنە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. 
3. قۇرغاق تىپتىكى: ئادەتتە 6 ئايلىقتىن 1 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىسى يۈز، قول-پۇت، گەۋدىنىڭ سىرتى تەرىپىدە بىرلىشىپ كەتكەن ئۇششاق ئەسۋە چىقىش، قىزىتىپ ئىششىش، تېرە يىرىكلەپ قاسراق ھالەتتە قاقاچ تۇتۇش، سېرىق سۇيۇقلۇق بولماسلىق قاتارلىقلار. 
  ئەمەلىيەتتە، ھۆل تەمرەتكىسىنى تۈرلەرگە بۆلۈش مۇتلەق ئەمەس، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگەنلەر بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇشىمۇ مۇمكىن.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى