تۇخۇملۇق بەرەڭگە ئۇمىچى
ۋاقتى: 2015-12-05
ئاۋاتلىقى: 558 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: تۆت ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: پىششىق تۇخۇمنىڭ سېرىقىدىن بىرتال، يېرىم بەرەڭگە، مۇۋاپىق مىقداردا سۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) پىششىق تۇخۇم سېرىقىنى قوشۇق بىلەن ئېزىمىز.
2) بەرەڭگىنى سۇدا پىشۇرۇپ، يۇمشىغاندىن كېيىن ئېزىمىز، ئۇنىڭغا تۇخۇم سېرىقى ۋە مۇۋاپىق مىقداردا سۈت ئارىلاشتۇرىمىز.
3) ئاندىن ئوتنى ئېچىپ ئازراق قىزىتىمىز.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: بەرەڭگىنىڭ تەركىبىدە كالتىسىي، ۋېتامىن A ، ۋېتامىن B2، ۋېتامىن C، ۋېتامىن K ۋە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە تۆمۈر مول بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
Tags: