ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى 17 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى(1)

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى 17 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى(1)

ۋاقتى: 2016-02-21 ئاۋاتلىقى: 643 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان ۋە ياكى بالىلىق بولۇپ بولغان ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئوقۇشى كېرەك:
مەن ئامېرىكىدا ئىككى بالىلىق بولدۇم، بۇ يەردە مەيلى تۇغۇتتىن بۇرۇن ياكى تۇغۇتتىن كېيىن ھەرخىل تەربىيەلەش سىنىپلىرى بولىدىكەن، مۇشۇ تەربىيەلەش سىنىپلىرىدىن ۋە ئائىلە دوختۇرۇمدىن بالا تەربىيلەش توغرىسىدىكى نۇرغۇن ساۋاتلارغا ئېرىشتىم. مېنىڭ ئىككى بالام بوۋاق ۋاقتىدا ئىنتايىن يۇۋاش ئىدى، ئۆيىمىز خۇددى بوۋاق يوقتەكلا جىمجىت ئىدى. بەزى ۋاقىتلاردا بالام زادى يىغلىيالامدۇ دەپ ئويلىنىپمۇ قالاتتىم. دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن ئەتراپتىكى دوستلىرىمنىڭ ۋە قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىكى بوۋىقى تەرىپىدىن ھېرىپ-چارچاپ پەقەت ھالىنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، بالا بېقىشتىكى ئۆز تەجرىلىبىرىمنى يېزىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم، بەلكىم بوۋاق بېقىش جەريانىدا ھېرىپ-چارچاپ تەمتىرەپ قالغان ياش ئاتا-ئانىلارغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر قېتىم جەنۇبىي كالىفورنىيەدىكى داڭلىق بالىلار دوختۇرى جەيىن گۇ غا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ نەچچە يىل ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە نۇرغۇن، بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدىغان بالا تەربىيەلەش بىلىملىرىگە ئېرىشتىم. 

1. ئۇسۇل: قانداق قىلغاندا بوۋاق يىغلىمايدىغان بولىدۇ؟
يىغلاڭغۇ بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا-ئانا ئۆزى كۆندۈرگەن بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تىل چۈشەنمەيدۇ پەقەت شەرتلىك رېفلىكىس ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىدۇ. دوختۇرۇمنىڭ قايتا-قايتا ئەسكەرتىشىگە ئاساسلانغاندا، بالا يىغلىغاندا كۆتۈرمەسلىك دەرھال قويۇپ قۇيۇش، پەقەت يىغىسى توختىغاندا    ئاندىن قولغا ئېلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ھەرقانچە كىچىك بوۋاق بولسىمۇ شۇنى چۈشىنىدۇكى پەقەت يىغلىمىغاندىلا ئاندىن ئاتا-ئانىسى كۆتىرىپ قولىغا ئالىدۇ.    
                                                
يىغلاڭغۇ بوۋاقنى يىغلىمايدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۇسۇلى
 يىغلاۋاتقان بوۋاقنى قۇيۇپ قويۇپ ، ھەرگىز قولغا ئالماسلىق، سائەتكە قاراپ، يىغلاپ 10مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قولىغا ئېلىش. بىرىنجى قېتىمدا 5 مىنۇتلاردىن كېيىن قولىغا ئېلىش، كېيىن ۋاقىتنى ئاستا-ئاستا ئۇزارتسا بولىدۇ. مېنىڭ بالامنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تەربىيەلىگەندە بىرىنجى قېتىم 5 مىنۇتقىچە بەردەشلىق بېرەلمەي 3 يېرىم مىنۇتقىچە يىغلاپ يىغىسىدىن ئۆزلىگىدىن توختىدى. گەرچە بۇ جەرياندا شۇنداق ئازاپلىنىپ كەتكەن بولساممۇ، بالىنى قەتئىي قولۇمغا ئالمىدىم. باشقا ئاتا-ئانىلارمۇ چوقۇم بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، مۇشۇ ئارقىلىق بوۋاقلارغا يىغا ئارقىلىق ئانىنى چارقىرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە ئاستا-ئاستا بالىنىڭ يىغىسىنى ئازلىتىش ئەلۋەتتە تۆۋەندىكى 4 خىل ئەھۋالدىن باشقا چاغلاردا ئاندىن بۇ خىل ئۇسۇلنى ئېشلىتىش كېرەك، يەنى قورسىقى ئاچقان، كىچىك تەرەت قىلغان، ئاغرىپ قالغان، ئۇيقىسى كېلىپ يىغلىغان ئەھۋاللاردىن باشقا ۋاقىتلاردا. مۇشۇ ئۇسۇلنى ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىق سەۋەبىمدىن مېنىڭ ئىككى بالام ھەرگىز سەۋەبسىز يىغلىمايدۇ، ئىنتايىن خوشال خورام، ساق-سالامەت چوڭ بولىۋاتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى