ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(2)
ۋاقتى: 2015-07-31
ئاۋاتلىقى: 629 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
2.ئۇسۇل: قانداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كەچتە ئويغانماي ئۇخلايدۇ؟
مەن ئامېرىكىدىكى دوختۇرۇمنىڭ دائىم تەنقىدىگە ئۇچرايمەن، ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن ياخشى ئانا ئەمەس چۈنكى مەن يېرىم كىچىدە نەچچە قېتىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالىنى ئېمىتىدىكەنمەن بۇنداق قىلغاندا بالا يېرىم كېچىدە نەچچە قېتىم ئويغىنىپ سۈپەتلىك ئۇيقىغا ئېرىشەلمەي ھېرىپ-چارچاپ كېتىدىكەن پەقەت كەچتە بالىغا خاتىرجەم ئۇيقۇ ئاتا قىلالىغان ئانا ياخشى ئانا بولىدىكەن. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە بوۋاقلار يەنى بارلىق ئىنسانلار كەچتە ئۇخلاش ۋاقتىدا تاماق يېمىسىمۇ بولىدىكەن بۇ ئىنسانلارنىڭ ھايۋاناتلاردىن پەرقلىنىدىغان بىر تەرىپى. نۇرغۇن ئانىلارنىڭ بوۋاقلارنىڭ كەچتە ئاچ قىلىشىدىن ئەنسىرىشى ئارتۇقچە، يەنى 10سائەتتىن 12سائەتكىچە بولغان ئۈزلۈكسىز ئۇيقۇ يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ سۈت ئىچكەندىن ئۈنۈمى نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى!!! بىرىنجى بالام 2 ياشقا كىرگۈچە ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىم ئېمىتەتتىم مۇشۇ سەۋەبدىن يولدىشىم ئىككىمىز خېلى قىينالغان، كېيىن ئىككىنچى بالامغا كەلگەندە دوختۇرنىڭ گېپى بويىچە يېرىم كېچىدە قەتتىي ئېمىتمىدىم، بۇ ئەر خوتۇن ئىككىمىزگە خېلى ئاسانلىق ئېلىپ كەلدى. ئىككىنچى بالامنى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھەر 5 سائەتتە بىر ئېمىتىدىغان قېلىپ تەربىيلىدىم، 2ھەپتىدىن كېيىن بالام يېرىم كىچىدە قەتئىي ئويغانماي ئۇخلايدىغان بولدى. يېرىم كېچىدە ئېمىتىشىمنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى.