ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3ياشلىق 4-6ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خۇلاسىسى

3ياشلىق 4-6ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2014-03-08 ئاۋاتلىقى: 568 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋىقىڭىز بۇرۇنقىدەك بۇدرۇق، سېمىز بولماي قالىدۇ
بوۋىقىڭىزنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئېشىشغا ئەگىشىپ، ئېنېرگىيەنىڭ خورىشمۇ ئۆزگىرىدۇ، ئەمما ئېنېرگىيەنىڭ كىلىش مەنبەسى  تەن ئىچىدە يىغىلغان ياغلارنىڭ پارچىلىنىپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىشىدىن كېلىدۇ. بوۋىقىڭىز بۇرۇن شۇنىڭ ئۈچۈن سېمىز ئېدىكى، تېرىسىنىڭ ئاستىدا قېلىن بولغان ياغ قاتلىمى بار ئىدى. ھازىر ئېنېرگىيەگە ئۆزگىرىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ياغلار خورايدۇ-دە، بوۋىقىڭىز تەبىئىي ئورۇقلايدۇ. 

ئەدەپلىك كىچىك قاراۋۇل
بۇرۇن باشقىلار بىلەن سالاملىشىشنى ياقتۇرمايدىغان بوۋاقلار بۇ ياشقا كەلگەندە ئەدەپ-ئەخلاقنىمۇ بىلىۋالىدۇ. مۇئەللىمنى، خوشنىسنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «مۇئەللىم ياخشىمۇسىز، موما ياخشىمۇ سىز»دەپ سالام قىلىدۇ. بىراق، بەزى بالىلار يەنىلا باشقىلار بىلەن سالاملىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ھېچقىسى يوق، مەجبۇرلىماڭ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەبىئىي ھالدا ئېغىز ئېچىپ سۆزلەيدىغان، سالاملىشالايدىغان بولىدۇ. 
خورازچىلاپ بىر پۇتلاپ تۇرۇش
بەزى بالىلار «خورازچىلاپ بىر پۇتلاپ تۇرۇش»تا بىر قانچە سىكۇنت تۇرۇپلا قالماي، يەنە بەزى بالىلار مۇشۇ ئاساستا تاق پۇتلاپ ئالدىغا سەكرىيەلەيدىغان بولىدۇ. «خورازچىلاپ بىر پۇتلاپ تۇرۇش»نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم مۇكەممەل رەۋىشتە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىقتىدارنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم يۇقىرىلىغانلىقىنىڭ ھەمدە پۇت كۈچىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
ئوخشىمىغان ئاۋاز ۋە چىراي ئىپادىسى بىلەن سۆزلەش
بالىلار چوڭ ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان ئادەملەر بىلەن پاراڭلاشقاندىكى، ئوخشىمىغان ئىشلار توغرىسىدا  پاراڭلاشقاندىكى ئوخشمىغان رىتىم، ئوخشمىغان چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلىدۇ-دە چوڭلارنىڭ بۇ خىل ھالەتلىرىنى دوراشقا باشلايدۇ، 3ياشتىن ئاشقان بالىلار چوڭلارنىڭ سۆزىنى دورىغان ۋاقىتتا قول ئىپادىسى، ئاۋازى، چىراي ئىپادىسنىمۇ دورايدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى