ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(7)

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(7)

ۋاقتى: 2016-06-11 ئاۋاتلىقى: 605 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


7. ئۇسۇل: سۈزۈك سۇدا كۈندە يۇيۇندۇرۇش، سوپۇننى ئاز ئىشلىتىش. 
مېنىڭ ئىككى بالامنىڭ ناھايىتى ساغلام بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، مەن بالىلىرىمنى كۈندە يۇيۇندۇرىمەن. دوختۇرخانىدا يەڭگىگەن كۈنۈم، ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، كارىۋاتتا مىدىرلىماي يېتىش قارارىغا كەلدىم، بۇنى كۆرگەن سېستىرا مېنى تەنقىدلەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ دەرھال يۇيۇنۇشىمنى تاپىلىدى، سېستىرانىڭ دېيىشىچە بەدەندىكى تەر ۋە ھەرخىل باكتېرىيەلەرنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋەتكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ساغلام بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ئۆزى يەڭگىگەن ئانىلار تۇغقان كۈنى يۇيۇنسا بولىدۇ. يېڭىدىن يەڭگىگەن ئانىلارغا يۇيۇنسا ئەڭ ساغلام، ئەلۋەتتە بوۋاقلارغىمۇ شۇنداق، چۈنكى بوۋاقلارنىڭ مىدىرىشى كۆپ، تەرى كۆپ، ئۇنىڭدىن سىرت بەدەندە چوڭ كىچىك تەرەت، سۈتنىڭ پۇرىقى بار شۇڭلاشقا كۈندە بىر يۇيۇنۇپ بېرىشى كېرەك. كىچىك بالىلار كۈندە يۇيۇنۇپ بەرسە سالامەتلىككىمۇ زور پايدىلىق. بالىلارنىڭ ئىمۇنىتېت كۈچى چوڭلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى، شۇڭلاشقا كۈندە يۇيۇنۇپ بەرسىمۇ سوغۇق تېگىپ قالمايدۇ ئەكسىچە سالامەتلىككە پايدىلىق. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە بالىنى يۇيغاندا، ئىلمان سۇدا يۇيۇش، بەدەن سوپۇنى، باش سوپۇنى قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەككەن. ئەڭ ياخشىسى سوپۇن ئىشلەتمەي سۇدىلا يۇيۇش، ئەگەر بەك ئىشلەتكىسى كەلسە ھەپتىدە بىرەر قېتىم سوپۇن ئىشلىتىپ يۇيۇش كېرەككەن.


تەھرىر تەۋسىيەسى:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى