ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(8)

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(8)

ۋاقتى: 2016-06-30 ئاۋاتلىقى: 570 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

8. ئۇسۇل: ئانىنىڭ سۈتى ھەرگىز يەتمەي قالمايدۇ، پەقەت ئانا بالىنى ئېمىتىشكە رازى بولسىلا. 
ئىككى يېرىم ياشقىچە ئانا سۈتىنى ئېمەلىگەن بالا ئەڭ بەخىتلىكتۇر. دوختۇرىمنىڭ دېيىشىچە ئەگەر ئانا بالىنى ئېمىتىشكە رازى بولسىلا، ئانىنىڭ سۈتى ھەرگىز بالىغا يەتمەي قالمايدۇ. بالىنىڭ ئىشتىھاسى قانچىلىك بولسا ئانىنىڭ سۈتىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ. قوش كېزەك تۇغقان ئانىلارنىڭ سۈتىمۇ بالىلىرىغا يېتىدۇ. گەرچە دوختۇرۇم نەچچە قېتىم تەكىتلەپ: بالاڭ ئانا سۈتىگە قانچىلىك ئېتىياجلىق بولسا سەنمۇ شۇنچىلىك سۈتنى چىقىرالايسەن، ھەرگىزمۇ سۈتىمگە بالامنىڭ قورسىقى تويماۋاتىدۇ دەپ بالاڭغا سۈت پاراشوكى ئارىلاشتۇرۇپ بەرمە، بۇنداق قىلساڭ سۈتۈڭ راست ئازلاپ كېتىدۇ ۋە ئاستا-ئاستا تۈگەپ كېتىدۇ دېگەن بولسىمۇ بىرىنچى بالامغا سۈت پاراشوكى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىپ سۈتۈم راستلا ئازلاپ، ئاخىرى تۈگەپ كەتتى. بالىلار گەپ قىلىپ ئۆزىنىڭ تويغان-تويمىغانلىقنى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئانىلار دائىم بالىسى سۈتىگە تويمىغاندەك ئويلاپ، بالىغا سۈت پاراشوكى قوشۇپ بېرىدۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن ئانا سۈتى راستلا ئازلاپ كېتىدۇ.

 


تەھرىر تەۋسىيەسى:

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(7)

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال

ياش ئانىلارغا (1)

 شۇڭلاشقا چوقۇم ئۆز بەدىنىمىزگە ئىشەنچ قىلىشىمىز، بەدىنىمىزنىڭ يېتەرلىك سۈت ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشىمىز كېرەك.  بالامنى تۇغۇپ بولۇپ ئۈچىنچى كۈنى دوختۇرخانىنىڭ ‹بالا ئېمىتىش سىنىپى›غا قاتناشتىم. بۇ سىنىپتا ھەرخىل ئىرقتىكى يەنى، قارا تەنلىك، ئاق تەنلىك، سېرىق تەنلىك ئانىلار يۇمشاق راھەت سافادا چۆرۈدىشىپ ئولتۇرۇپ بالىلىرىنى بىرلىكتە ئېمىتىشىدىكەن. ئانىلار ئېمىتىشتىن بۇرۇن دوختۇرلار بالىلارنىڭ پۈتۈن كىيمىنى سالغۇزۇپ، ھەتتا زاكىسىنىمۇ سالغۇزۇپ بالىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئەڭ ئاخىرقى مىقدارغىچە ئۆلچەيدىكەن. ئاندىن بالىلارنىڭ پەقەت زاكىسىنىلا كىيگۈزۈپ، ئانىلار بالىلىرىنى بىرلىكتە ئېمىتىشكە باشلايدىكەن. ئېمىتىش جەريانىدا دوختۇرلار ھەربىر ئانىغا بالا قانداق قىلغاندا ئەمچەك توپچىسىنى بىر قېتىمدىلا تاپالايدۇ، قانداق قىلغاندا ئەمچەكنى ئاسرىغىلى بولىدۇ قاتارلىق ساۋاتلارنى بىر-بىرلەپ ئۆگىتىدىكەن. بالا ئېمىپ بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ ئېغىرلىقىنى قايتا ئۆلچەپ بالىنىڭ قانچىلىك سۈت ئەمگەنلىكىنى دەپ بېرىدىكەن. بۇ سىنىپقا قاتنىشىپ باشتا سەل خىجىل بولغان ئىدىم. كېيىن بالامنىڭ قانچىلىك سۈت ئېمىدىغانلىقىنى، مەندە يېتەرلىك سۈت بارلىغىنى بىلىپ خوشال بولدۇم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى