ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنىڭ قورسىقى كۆپۈشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بوۋاقلارنىڭ قورسىقى كۆپۈشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ۋاقتى: 2015-07-10 ئاۋاتلىقى: 760 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ قورسىقى قورامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭكىدىن  چوڭ بولىدۇ، قارىماققا پولتىيىپ چىقىپ قالىدۇ، بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى بوۋاق بالىلارنىڭ قورساق مۇسكۇلى تېخى يېتىلمىگەن، ئەمما قورامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش ساندىكى ئەزالارنى سىغدۇرغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. قورساق مۇسكۇلى يېتەرلىك كۈچ بىلەن تېرەپ تۇرالمىغاچقا قورساقنىڭ ئالدىغا پولتىيىپ چىقىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، بولۇپمۇ بوۋاق بالىنى كۆتۈرۈۋالغان چاغدا بوۋاقنىڭ قورسىقى تېخىمۇ پولتىيىپ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ. بۇندىن باشقا، بوۋاق بالىنىڭ گەۋدىسى يۇمىلاق بولىدۇ، چوڭلارنىڭ بولسا يايسىمان، بۇمۇ قارىماققا بوۋاقلارنىڭ قورسىقىنىڭ پولتىيىپ چىقىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى. 


ئالدىدا ئېيتىلىپ ئۆتۈلگەن سەۋەبلەردىن سىرت، بوۋاقلارنىڭ قورسىقى كۆپىشىدىكى يەنە بىر ئامىل بولسا، بوۋاق بالىلارغا چوڭلارغا قارىغاندا ئاسانلا يەل يىغلىپ قالىدۇ، يەل يىغلىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

تەھرىر تەۋسىيەسى:

بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر بىلەن ئىرسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

بوۋاقلاردىكى قاتما كېسەلنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

بالىلار ھۆل تەمرەتكىسىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟

 

1. بوۋاقلار تاماق يېگەندە، يۇتۇشى بەك تېز بولۇپ قورساققا ھاۋامۇ بىرگە كىرىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ بوۋاقلار بەك ئۇزۇن ئېچىرقاپ كەتكەن چاغدا ئېمىتكەندە. 
2. ئېمىزگىنىڭ ئېغىز تۆشۈكىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولمىغاندا، ھاۋا ئېمىزگىنىڭ ئېغىزدىن بوۋاقلارنىڭ تېنىگە كىرىدۇ. 
3. بوۋاق بەك كۆپ يىغلاپ كەتسە. 
4. ئەمگەن سۈت ۋە باشقا يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىش يولىدىكى باكتېرىيە ۋە باشقا ئېنزىملارنىڭ تەسىرىدە ئېچىپ كۆپ مىقداردا گاز ھاسىل قىلىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى