ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھۆل تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنى كۈتۈشتە...

ھۆل تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنى كۈتۈشتە...

ۋاقتى: 2013-09-08 ئاۋاتلىقى: 510 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  ھۆل تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنى كۈتۈشتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار:
1. ئىمكانقەدەر رېئاكسىيە قىلىدىغان نەرسىلەرنى بايقاش ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش، ئالدى بىلەن بالىغا يېمەكلىكنىڭ بولۇپمۇ كالا سۈتى، ئانا سۈتى، تۇخۇم ئېقى قاتارلىقلارنىڭ ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنىڭ رېئاكسىيە قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا، ئانىنىڭ بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارنى يېگەندىن كىيىن بالىنىڭ ھۆل تەمرەتكىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ياكى ئېغىرلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. ئەگەر ئېغىرلىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە بۇلارنى يېگۈزۈشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

2. غىدىقلىغۇچى نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتىن ساقلىنىش: ئىشقارلىق سوپۇنلاردا بالىنىڭ بەدىنىنى يۇيماسلىق، ئەتىرگە ئوخشاش گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك، بالىنى يۇيۇندۇرۇش قېتىم سانى زىيادە كۆپ بولماسلىق، يۇيۇندۇرغاندا  زىيادە قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇندۇرۇشتىن ساقلىنىش.
3. ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋەتمەسلىك، سىرتقا چىققاندا ھۆل تەمرەتكە چىققان ئورۇنغا قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بۇنداق بولمايدىكەن تەمرەتكىنىڭ قىچىشىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. بالىنىڭ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، كىيىم ئەركىن-ئازادە بولۇشى، بەك قېلىن ۋە چىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، پاختا رەختلىك كىيىملەر ئەڭ مۇۋاپىق. 
4. ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆينىڭ تازىلىقىنى ياخشى تۇتۇش، چاڭ-توزان قاتارلىقلارنىڭ ئۆيگە كىرىپ تېرىنى غىدىقلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
5. بالىنىڭ ھۆل تەمرەتكىسىنى داۋالاش چوقۇم تېرە كېسەللىكى دوختۇرىنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى، ئائىلە باشلىقلىرى ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىكى، يەرلىك رېتسىپلىق، غەيرى رېتسىپلىق دورىلارنى خالىغانچە ئىشلەتمەسلىكى لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا خىلور فېنىرامىن ۋە كالتسىي گلۇكونات قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېرىنىڭ سېزىمچانلىقىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.
6. ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولغان مەزگىلدە كالېمېت ۋاكسىنىسى ۋە باشقا ۋاكسىنىلارنى ئەملەشكە بولمايدۇ. ئۇچۇق خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكىگە ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇچۇق بىمارى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ئىنتايىن يۇمران، يېنىك دەرىجىدىكى غىدىقلاشلار بالىدا زىيادە سەزگۈرلۈك تېرە ياللۇغى پەيدا قىلالايدۇ، ياش ئاتا-ئانىلارغا ئەسكەرتىدىغىنىمىز، بوۋاقلارنى ياخشى پەرۋىش قىلىش، ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش. مۇبادا بالىنىڭ ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان دەرھال كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى