ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(14)

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(14)

ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 602 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

13. ئۇسۇل:بوۋاقنىڭ دىققىتىنى بۇزماسلىق كېرەك. 

ھەرقانداق چوڭ ياكى كىچىك بالا، مەيلى تېلېۋېزور كۆرۈۋاتقان مەيلى ئويۇنچۇق ئويناۋاتقان ۋە ياكى رەسىملىك كىتاب كۆرۈۋاتقاندا بولسۇن،  ھەرگىزمۇ بالىنىڭ  دىققىتىنى بۇزماسلىق كېرەك. تاماق ۋاقتى كېلىپ قالسىمۇ، تاماق ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرۈش. بالىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى مەشىق قىلدۇرۇش، بالا كۆڭۈل قويۇپ بىر ئىش قىلىۋاتقاندا ھەرگىز دىققىتىنى بۇزماسلىق كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا بالا چوڭ بولغاندىمۇ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ. مېنىڭ چوڭ قىزىم ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ قىلالايدۇ، مەسىلەن رەسىم جىپسىلاش ئويۇنلىرىنى بىر ئوينىسا بىر چۈشتىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرمەي ئوينايدۇ پەقەت كىچىك تەرەت قىلغۇسى كەلمىسىلا. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرى  ئەستايىدىللىق بىلەن تېلىۋىزور كۆرۈۋاتقاندا،  بالىلىرىدىن ئۇنى-بۇنى سوراپ بالىسىنىڭ دىققىتىنى بۇزىدۇ. بۇ خىل بىلەرمەن ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم پەقەت بالىلار ئەستايىدىللىق بىلەن بىر ئىش قىلىۋاتقاندا ھەرگىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چاچمايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى