ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار پەرۋىشىدىن مەسلىھەت

بوۋاقلار پەرۋىشىدىن مەسلىھەت

ۋاقتى: 2015-10-31 ئاۋاتلىقى: 529 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوخشاش مەزگىلدە ئوخشىمىغان تەمدىكى گۈرۈچ تالقىنى ئانىلارنى تېخىمۇ ئەپچىل تەڭشەش بىلەن تەمىنلەيدۇ. 
ھەر قېتىملىق تاماقنىڭ سانى ئازلىقتىن كۆپلۈككە، شالاڭلىقتىن قويۇقلۇققا، تۈرى يەككىلىكتىن كۆپ خللىققا قاراپ يۈزلىنىشى كېرەك. 
بوۋاقلارغا گۈرۈچ تالقىنى بېرىشنى باشلىغاندا، ئۇلارغا ئىچكۈزىدىغان قايناقسۇ ياكى مېۋە شەربىتىنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى، بوۋاقلارنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 
توغرا بولغان ئېمىتىش ھالىتىنى ساقلاپ، ھېق تۇتۇپ قېلىش، سۈتنى قۇسۇۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش كېرەك. بوۋاقلار ئوزۇقلانغاندا ھاۋانىمۇ بىللە سۈمۈرۈۋالىدۇ، بۇ  ھاۋا ئاشقازاندا ئۇزۇن ساقلىنىپ قالسا، بەدەن ئۇخلاش ھالىتىدە تۇرغاندا يېگەن يېمەكلىكلەر ھېق تۇتۇش بىلەن بىللە ياندۇرۇلۇپ چىقىدۇ، شۇڭلاشقا بوۋاقلارغا يېمەكلىك يېگۈزگەندە چوقۇم توغرا ھالەتنى ساقلاش كېرەك. 
بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنېت كۈچى بىر قەدەر ئاجىز، شۇڭا بوۋاقلار يېمەكلىكىنىڭ شۇنداقلا ئوزۇقلاندۇرۇش شارائىتىنىڭ بىخەتەر، قۇۋۋەتلىك، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بوۋاقلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاپ باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى