ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلانغاندىكى جىددى قۇتقۇزۇش تەدبىرى

بالىلار ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلانغاندىكى جىددى قۇتقۇزۇش تەدبىرى

ۋاقتى: 2016-07-25 ئاۋاتلىقى: 678 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بالىلار ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلانغاندا قانداق قىلىش كېرەك ؟ بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان ئاتا – ئانىلار بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك،  ئۇنداقتا قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك ؟
1.  يېنىك دەرىجىدە يارىلىنىشتا،  تېرە قىزىرىپ،  ئىششىپ كېتىدۇ،  ھەم ئاغرىق سېزىمى بولىدۇ، بۇ چاغدا بالىغا ئىسسىقلىق ئۇپىسى سۈرۈپ قويسا ياكى سوغۇق لۆڭگە بىلەن ئوراپ قويسا بىئاراملىقنى ئازايتقىلى بولىدۇ.  يېنىك دەرىجىدىكى يارا ئادەتتە ئىككى ئۈچ كۈندىلا ساقىيىپ كېتىدۇ،  ئاستا بولغاندىمۇ بىر ھەپتىدە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. 
2. ئېغىرراق يارىلىنىشتا،  تېرە قىزىرىپ،  ئىششىشتىن سىرت، يەنە سۇلۇق قاپارتما چىقىدۇ،  قىزىپ ئاغرىغاندەك سېزىم بولىدۇ،  بۇ چاغدا تېرىگە تېگىپلا كەتسە،  بالا ۋاقىراپ يىغلاپ كېتىدۇ،  شۇڭا بۇ چاغدا سۇلۇق قاپارتمىنىڭ تېشىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاقتىنچە بالىلارنىڭ كىيىمىنى ئالماشتۇرماسلىق كېرەك،  ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك. 
3. بالا ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلانغاندىن كېيىن، دورا بىلەن سىرتتىن داۋالىغاندىن سىرت،  بالىنى كۆپرەك ئارام ئالغۇزۇپ،  كۆپرەك سۇ ئىچكۈزۈپ،  يوقاتقان سۇ تەركىبىنى تولۇقلىشى كېرەك.  ئۇنىڭدىن سىرت،  بالىغا غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك لازىم. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى