ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(17)
ۋاقتى: 2016-08-03
ئاۋاتلىقى: 720 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
17. ئۇسۇل: ئەڭ ئاخىرقى ئۇسۇل لېكىن ھەممىدىن مۇھىم ئۇسۇل، بالىنى بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تەنقىدلىمەسلىك.
ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قايتا-قايتا تاپىلىشىدا، ئاتا-ئاتا بولغۇچى ھەرگىزمۇ بالىنى قالايمىقان تەنقىدلىمەسلىكى، بىر كۈندە ھەرگىزمۇ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تەنقىدلىمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە ئەتىسى ئاندىن تەنقىد قىلىش كېرەك. بۇنى ئاڭلاپ بالىلارنىڭ چوڭ ئاپىسى، بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئەمەس ئون قېتىم بولسىمۇ يەتمەيدۇ دېدى، قارىغاندا دۆلىتىمىزدە بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ توختىماي تەنقىدلەش بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان. بالام بوۋاق ۋاقتىدا بالامغا قاراۋاتقان ئايال، بالام زاكىسىغا چوڭ تەرەت قىلىۋەتسە، بالاڭ يەنە ئەسكى ئىش قىلدى دەيتتى. چوڭ تەرەت قىلىشمۇ بىر ئەسكى ئىش بولسا قايسى بىر ئىنسان كۈنىدە ‹ئەسكى ئىش قىلماي›تۇرالايدۇ؟