ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(2)

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(2)

ۋاقتى: 2016-02-20 ئاۋاتلىقى: 596 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. بالىغا تەربىيە بەرگەندە چوقۇم قائىدە چۈشەندۈرۈش كېرەك ئەمەس، زۆرۈر بولسا مۇۋاپىق ھالدا مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. 
2. بالىڭىزنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن كۈندە ئاز دېگەندە بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى توغرىسىدىكى بىر مەسىلىنى تەپەككۇر قىلىپ تۇرۇڭ. 

3. بالىڭىزغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا گۈزەل-سەنئەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىڭ، ئۇنىڭدا گۈزەل ئىستىتىك قاراش يېتىلدۈرۈڭ، بالىنىڭ ھېسسىي تۇيغۇسىنى بېيىتىڭ، تەبىئەت دۇنياسىدا گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرۇڭ، بۇ بالا ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.
4. بالىلىق دەۋردە بالىنى ئۇزۇن مەزگىل يېنىڭىزدىن ئايرىۋەتمەڭ، بۇنىڭ بالىغا تەسىرى بولىدۇ، بەلكىم ئىلمىي ئاساسى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ھەقىقەتەن تەسىرى بولىدۇ. 
5. بالىنى ئاق كۆڭۈل قىلىپ تەربىيەلەڭ، كونىلار:« يامان ئىشلارنى كىچىك كۆرۈپ قىلىپ سالماڭ، ياخشى ئىشلارنى كىچىك كۆرۈپ قىلماي سالماڭ» دەپ توغرا ئېيتقان. 
6. بالىڭىزغا كۈلۈمسىرەشنى ئۆگىتىڭ، تۇرمۇشتا ھەممىگە كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىش، ھاياتقا كۈلۈپ قاراشنى ئۆگىتىش كېرەك.
7. بالىغا قالايمىقان ۋەدە قىلماڭ، ۋەدە قىلغان ئىشلىرىڭىزنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئورۇنداڭ. 
8. دائىم بالىڭىزنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىنىڭ، بالىنىڭ ھەربىر قىلغان ئىشى، ئويلىغانلىرى ھەققىدە ئۆزىڭىزنى ئورنىغا قويۇپ ئويلىنىپ تۇرۇڭ، مەسىلەن، مەن بالامنىڭ ئورنىدا بولسام قانداق قىلىشىم مۇمكىن دېگەندەك.
9. بالىڭىزغا مەلۇم دەرىجىدە بوشلۇق ۋە ئەركىنلىك بېرىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم دەرىجىدە بېسىم ۋە مەسئۇلىيەتمۇ يۈكلەپ تۇرۇڭ. 
10. بالىغا ئۇنىڭ ئىنتايىن ئوماقلىقىنى، ئۆزىنى كۆرسىتىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.


تەھرىر تەۋسىيەسى:

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(1)

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(10)

ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەمسىز؟ 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى