ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاتا-ئانىلىق لاياقىتى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

ئاتا-ئانىلىق لاياقىتى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-16 ئاۋاتلىقى: 882 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاتا كىم؟ خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتىقاندا، ئائىلىدە ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، جاۋابكارلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ، جىسمانىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بېجىرىدۇ. ئائىلىنى ماددىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش، ئايالى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇش، ياشانغان ئاتا-ئانىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئاتىنىڭ زىممىسىدىدۇر. ئاتا ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە قەدىر-قىممىتىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچى ئاساسىي شەخىستۇر. تەربىيە بېرىدىغان شەخىسنىڭ ئۆزى خۇددى بوۋىلار ئېيتقاندەك «تەربىيەلىك، ھەققانىي ۋە بەركامال ئىنسان» بولۇشى كېرەك. پەرزەنتكە نىسبەتەن ئاتا ئاساسىي ئېتىقاد نۇقتىسىغا ئايلانمىسا ۋە ئۇلۇغلانمىسا، ئائىلە تەربىيەسى مۇكەممەل بولمايدۇ. ئاتا بولۇش بىر خىل مەردلىك ۋە جاسارەتتۇر.


ئۇنداقتا، ئانا كىم؟ ئانا ـــــ ئائىلىنىڭ پاسىبانىدۇر. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇغۇل ئانىنى ئۈچ قېتىم ھەجگە ھاپاش قىلىپ ئاپرىپ كەلسىمۇ، ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن چەككەن زەخمەتلىرىنىڭ ئۇچقۇنچىلىق بولمايدىكەن. ئانىنىڭ پەرزەنتنى ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلىش يولىدا چەككەن رىيازىتىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەت ۋە خىزمەتمۇ كەملىك قىلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن، ئانا ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس زاتتۇر.

تەھرىر تەۋسىيەسى:

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى 17 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى(1)

 

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(2)

 

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(3)


ئانىنىڭ ئەڭ بۈيۈك خىزمىتى شۇنىڭدىكى، ئۇ پەرزەنتلەردە ئاۋۋال ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلەت-مېھىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مېھىر تۇيغۇسى بالا بۆشۈكتىكى ۋاقتىدىلا قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىغان ئانا ئەللىيىنىڭ ئارامبەخىش سادالىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىگە ئورنىشىدۇ. ئانا ئاتىغا قارىغاندا بالىغا مېھرىبانراق كېلىدۇ، ئۇنى ھەرۋاقىت كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدۇ، يۇيۇپ تارايدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى، قەلبى، مېھرى، ئېتىبارى ۋە مېھنىتىنى بېغىشلايدۇ. ئىنسانغا خاس بولغان ئەڭ ئېسىل، ياخشى پەزىلەتلەر بالىغا ئانىدىن ئۆتىدۇ. چۈنكى، بالا كۆپ ۋاقىت ئانىنىڭ باغرىدا، يېنىدا بولىدۇ، شۇ جەرياندا ئۇنىڭدىن ھايات ساۋاقلىرىنى ئالىدۇ. ئالەم ۋە ئادەملەرگە بولغان مۇھەببەتنى ئۆگىنىدۇ. بالا تەربىيەسىدىكى ئەڭ ئېغىر، مۇشەققەتلىك ۋە مەسئۇلىيەتلىك دەۋر، يەنى ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇپ شەكىللىنىدىغان دەۋرى ئانىنىڭ باغرىدا كېچىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئېرىشكەن ھەممە نەرسىنى ئانا قوينىدا بېرىلگەن تەربىيەنىڭ ئوزۇقىدىن، دەپ بىلىش كېرەك. ئانا ھېچقاچان پەرزەنتىگە يامانلىقنى راۋا كۆرمەيدۇ، ئۇ بالىسىنىڭ پاسىبانى، ھېمايىچىسى، سىرداش دوستى ۋە قىبلىگاھىدۇر.
ئاتا-ئانىنى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە قىلغان نەرسە نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ پەرزەنتتۇر. ئاتا-ئانا بولغۇچىلار لاياقەتلىك پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشالىغاندىلا، ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ شان-شەرەپلەرگە نائىل بولالايدۇ.

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟


خەلىقىمىزنىڭ ھازىرقى ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان جەريان بولۇپ، ئاتا-ئانا نوقۇل تەربىيە بەرگۈچىدىن ئورتاق ئۆگەنگۈچىگە ئايلىنىشنى، ئائىلە تەربىيەسىنى بىر تەرەپكە سىڭدۈرۈشتىن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئايلىنىشنى، بالىلار ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىشنى، ئاتا-ئانىمۇ بالىلاردىن ئۆگىنىشى لازىم، ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنى ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، بۇ ئارقىلىق ئىككى ئەۋلاد ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

پەرزەنت ئائىلىنىڭ ئۈمىدى، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن بالىلار خەلقىمىزنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ ئۈمىدى. بالىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقى ھەربىر ئائىلىنىڭ بەختى ۋە خۇشاللىقىغا، ئاخىر بېرىپ ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەلەش قارىشى كونا، ئۇسۇلى نامۇۋاپىق بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى ئۈلگە بولالمىسا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە يۈزدە يۈز مەغلۇب بولىدۇ. رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ھەممە ئاتا-ئانىلار دېگۈدەك پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلسىمۇ، لېكىن ئىش ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ. ھازىرقى بالىلارنى باشقۇرۇش، تەربىيەلەشنىڭ قىيىن بولۇشى ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇردىغان ئىش بولۇپ قالدى. ئاتا-ئانا بولۇش-بولماسلىق كىشىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمايدۇ، پەقەت دەۋرنىڭ ئېقىمىنى ئىگىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، يېڭى ئائىلە تەربىيەسى قارىشىنى تىكلەپ، ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پەرزەنتلەر بىلەن ئورتاق ئۆگەنگەن ۋە ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلگەندىلا، ئاندىن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولغىلى بولىدۇ.

بىز ھازىر ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، دەۋرىمىز كەسكىن ئىجتىمائىي رىقابەت دەۋرى بولۇپ، يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياج ئائىلە تەربىيەسىگە يېڭى مەسلىلەرنى قويدى. مانا بۇلار ئاتا-ئانىلاردىن ھازىرقى زامان ئائىلە تەربىيەسى قارىشىنى تىكلەشنى، كونا قاراشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ، بىلىم ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان يېڭى تەلپىگە ماسلىشىپ، ئائىلە تەربىيەسىدىكى خاتا تونۇشتىن قۇتۇلۇش زۆرۈرلۈكىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، زادى قانداق ئۇسۇل قوللانغاندا، پەرزەنتلەرنى ئەڭ ياراملىق، لاياقەتلىك، كېلەچىكى پارلاق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئەنئەنىۋى ئۇسۇل قوللىنىش كېرەكمۇ ياكى «دەۋرنىڭ تەلپىگە ماس بولغان» يېڭىچە تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەكمۇ؟ جەمئىيىتىمىزدە، جۈملىدىن، مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدە مانا مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ھازىرمۇ كەسكىن تالاش-تارتىش مەۋجۇت. بولۇپمۇ پۈتۈنلەي ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىش كېرەك، دەيدىغانلار بىلەن پۈتۈنلەي يېڭىچە تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىش كېرەك، چۈنكى، دەۋرىمىز يېڭى دەۋر، دەيدىغانلارنىڭ زىددىيىتىنى كېلىشتۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كەسكىن چەك-چېگرا ئايرىۋېلىش پەرزەنت تەربىيەسىدە بەزى زۆرۈرىيەتسىز خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەنئەنىدىمۇ چىڭ تۇرغان، دەۋرگىمۇ ماسلاشقان تەربىيە ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىمىز. مانا مۇشۇنداق تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، پەرزەنتلەرنى ھەقىقىي ئەدەپ-ئەخلاقلىق، بىلىمگە  ئىنتىلىدىغان، ئاتا-ئانىغا كۆيۈمچان، ھەر ئىشتا باشقىلارنى ئويلايدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويىدىغان، ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان لاياقەتلىك پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا، پەرزەنتلەرنى خەلقىمىزنىڭ قويۇق ئەنئەنىۋى تەربىيەسىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ. خەلقىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى ھازىرىمۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى، يەنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيە بېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، شۇڭا، بۇنداق تەربىيە بېرىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش بىلەن بىللە، بالىلارغا ئەقىل ئېچىش،ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشى تىكلەش، پارلاق كەلگۈسىنى ئۆزى يارىتىشقا يېتەكلەش، بىلىم ئارقىلىق روناق تېپىش، ۋەتەن، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئۆزىنىڭ ھاياتىي قىممىتىنى نامايان قىلىش... قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە تەربىيە بەرگەندە، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇش نىسبىتىنى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرگىلى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا بىر كىشلىك ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ.
بالىلارنىڭ دوراش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، بولۇپمۇ بالىلىق دەۋردە ئۇلارنىڭ يېشى كىچىك، ھەق-ناھەق قارىشى ئاجىز بولغاچقا، چوڭلارنىڭ ھەربىر سۆز ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ دوراش دائىرىسىدە بولىدۇ. بالىلار بۇنداق دوراش ئىقتىدارىنى بوۋاق مەزگىلىدىلا ھازىرلىغان بولىدۇ. چوڭلارنىڭ قايسىبىرىمىز گۆدەكلىك مەزگىلىمىزدە دوراش ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلمىگەن؟ شۇڭا، ئاتا-ئانىنىڭ ئۈلگىلىك رولى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ياخشى ئىجتىمائىي ئوبراز تىكلىشى ھەقىقىي ئۆزى ئۈلگە كۆرسەتكەنلىك بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئائىلە تەربىيەسى دېگەن ئەنە شۇ. ئاتا-ئانا نېمە قىلسا، بالا شۇنى ئۆگىنىدۇ، ئاتا-ئانا پەرزەنتلەرنىڭ ئۈلگىسى، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىنىڭ ئەينىكى.

ھازىرقى زامان ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدۇر، ئاتا-ئانا نوقۇل تەربىيەچى بولۇشتىن ئورتاق ئۆگەنگۈچىگە ئايلىنىشنى، ئائىلە تەربىيەسى بىر تەرەپكە سىڭدۈرۈشتىن بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئايلىنىشنى، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىشنى، ئاتا-ئانىمۇ پەرزەنتلەردىن ئۆگىنىشنى، ئائىلە تەربىيەسىنى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىىيىتىگە ئىگە قىلىشى، ئىككى ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ، بالىلىرىدىن: ئىمتىھاندا قانچە نومۇر ئالدىڭ، قانچىنچى بولدۇڭ، دەپ سوراشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، بىراق ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قويمايدۇ. 21-ئەسىردىكى جەمئىيەت ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت، ھەممەيلەن ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئېڭىنى تىكلىشى لازىم، بۈگۈن ئۆگەنمىسەك، ئەتە ئارقىدا قالىمىز. بىرلا دىپلومغا، بىر خىللا ماھارەتكە تايىنىپ ئۆسىمەن، ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزىمەن، دەيدىغان زامان ئۆتۈپ كەتتى. پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەسىپ تاللايدىغان ئېغىر خىرىس ئالدىدا، ئاتا-ئانىلار كەسپىي بىلىم ۋە ئائىلە تەربىيەسى بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىغاندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلەيدۇ.

بالىلار تەبئىي ھالدا ئويۇنغا ئامراق كېلىدۇ. ئويناش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئەقلى ئېچىلىدۇ، ئىجاد قىلىش، ئالاقە قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ، خۇشال روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئالدراشچىلىق ئىچىدە ۋاقىت چىقرىپ، پەرزەنتلەرگە ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بېرىشى لازىم. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرساقلا بولدى، ئويناش بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بەرگەندە، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرغىلى بولۇپلا قالماي، ئويناش ئارقىلىق بالىلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بالىلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكىلىرى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئويناش ئارقىلىق يېتىلىدۇ.

بالىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئامراق. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەركۈنى ئاز-ئازدىن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىپ،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يادروسى ئەخلاق تەربىيەسى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە كەلسەك، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىختىساسلىق بولۇشىدىكى ئاساسنى تونۇپ يېتىش كېرەك.

ئادەمنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنى ھازىرقى پۇقرالار ئەخلاقىغا قويۇلغان تەلەپكە ئاساسەن قېلىپلاشتۇرغاندا، ئۇ، ۋەتەننى سۆيۈش، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئۆزىنى كۈچەيتىش، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قۇشۇش ھېسابلىنىدۇ. ياخشى پەزىلەت بولمىسا، ھەرقانچە بىلىملىك بولغان بىلەنمۇ بىكار.

مەنبە: «پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى