ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ ئۆرۈلۈشنى ئۆگىنىشى ھەققىدە

بوۋاقنىڭ ئۆرۈلۈشنى ئۆگىنىشى ھەققىدە

ۋاقتى: 2015-11-28 ئاۋاتلىقى: 615 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2-3 ئايلىق بولغاندا ئۇرۇنۇشقا باشلايدۇ.
     پەرۋىشنى ياخشى ئېلىپ بارغان بىلەن بوۋاقنى «ئۆسۈملۈك ئادەم» قىلىپ قويۇشنىڭ ئورنى يوقتە. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلار ئۆرۈلۈشكە ئۇرۇنۇپ باقىدۇ، كۆپىنچە يۇقىرى بەدىنى ۋە قولىغا تايىنىپ بېشى ۋە ئۈستۈنكى بەدىنىنى بۇرىيالايدۇ. 

     3~5 ئايدا ئۆرۈلۈش قابىلىيىتى يۇقىرىلايدۇ
     5 ئايلىق بولا-بولمايلا ئوڭدىسىغا ھالەتتىن دۈم ھالەتكە ئۆرۈلەلەپلا قالماي، يۇقىرىقى بەدىنىنى ۋە بېشىنى كۆتۈرەلەيدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، بۇ ۋاقىتتا بوۋاق تېخى دۈم ھالەتتىن ئۆرۈلۈپ ئوڭدىسىغا بولالمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بوۋاقتىن ئايرىلماسلىقى، نەپەس يولىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر.

    5~6 ئايدا ئوڭ ھالەتتىن دۈم ھالەتكە ئۆرۈلەلەيدۇ. 
    بۇ چاغدا بوۋاق ھەر ئىككى يۆنىلىش بويىچە ئۆرۈلەلەيدۇ، ئەمما دۈم ھالەتكە ئۆرۈلۈشى يەنىلا نىسبەتەن قىيىن بولىدۇ.

6~7 ئايدا بىمالال ئۆرۈلەلەيدۇ. 
     بۇ چاغدا بوۋاق بىمالال ھالدا يۇمىلىيالايدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە بوۋاقنىڭ يۇمىلاپ كارىۋاتتىن چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پولغا كۆرپە سېلىپ بېرىشمۇ ياخشى چارە. ئومۇمەن بوۋاققا ياخشى قاراپ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش لازىم.


تەھرىر تەۋسىيەسى:

3ياشلىق 1-3ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خۇلاسىسى

3 ياشلىق 7-9ئايغىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى