ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(6)

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(6)

ۋاقتى: 2015-11-08 ئاۋاتلىقى: 597 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن 100 تەكلىپى

تۇرمۇش جەھەتتە 
1. بالىڭىزغا ئازراق پۇل بېرىپ، ئۇنىڭ مالىيەنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەم قىلىڭ. 
2. بالىڭىزنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ۋە خەتلىرىنى كۆرىۋالماڭ. 
3. پات-پات بالىڭىز بىلەن بىللە دالا سەيلىسىگە چىقىپ تۇرۇڭ. 

4. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىڭىزغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىڭ، ئۇ تاتلىق كۈلكىسى بىلەن ئۇيقۇغا كەتسۇن. 
5. بالىڭىزغا ئۇ مەخسۇس ئويۇن ئوينايدىغان بىر ھۇجرا ياكى ھۇجرىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئاجرىتىپ بېرىڭ. 
6. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن بالىڭىز بىلەن سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىڭ. 
7. خوشاللىقلاردىن بالىڭىز بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇڭ. 
8. بالىڭىزغا قاراپ خوشاللىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇڭ، ھەمدە ئۇنىمۇ كۈلدۈرۈپ تۇرۇڭ. 
9. بالىڭىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوخشاش بولمىغان قاتلاملاردىن كەلگەن بالىلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشىغا ياردەم قىلىڭ. 
10. بالىڭىزنى ھەرخىل ياشتىكى ئادەملەر بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ. 
11. بالىڭىزغا ئوينايدىغان ۋاقىت ۋە بوشلۇق بېرىڭ. 
12. بالىڭىزغا ۋېلىسپىت مىنىش ۋە سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قەدەم بېسىشتىكى ئەڭ ئاساسىي ماھارەتلەر. 


تەھرىر تەۋسىيەسى:

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(1)

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(16)

ئاتا-ئانىلىق لاياقىتى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى