ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(7)

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(7)

ۋاقتى: 2015-10-26 ئاۋاتلىقى: 558 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ھەر كۈنى ئەتىگەندە بالىڭىز بىلەن سالاملىشىڭ، ئۇنىڭغا گۈزەل بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. 
2. ئەر-ئاياللار ئۇرۇشۇپ قالغاندا چوقۇم بالىنى چىقىرىۋېتىڭ، بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشماڭ. 
3. ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگەندە، بالىڭىزنى كۆرگەن ھامان ئۇنىڭدىن:« قوزام، بۈگۈن خوشال بولدۇڭمۇ؟ » دەپ سوراڭ. 
4. بالىڭىزغا بەك كۆپ مال-مۈلۈك قالدۇرماڭ، ئۇنىڭغا ساغلام تەن، ساغلام قەلب، شاد-خورام ھايات ئاتا قىلىڭ. 
5. بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىش-ھەرىكەت ئادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. 
6. ئەگەر بالىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، ھۇجرىسىنىڭ ياكى ئۈستىلىنىڭ قالايمىقان بولۇشىنى ئارتۇق ئەيىبلىمەڭ. 

7. ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىڭىغا ۋاپادار بولۇڭ، بۇنىڭ بىلەن بالىڭىزغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ، بالىڭىزمۇ ھەر ۋاقىت سىزنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ. 
8. تۇرمۇشتا ئاتا-ئانىلار ئۆزئارا بىر بىرىگە يول قويۇشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى كېرەك. 
9. بالىغا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىشقا يېتەكلەڭ، ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسىڭىز، ئۆزىنى مەركەز قىلىۋېلىشتەك يامان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ. 
10. بالىغا بەك ئامراقلىق قىلىپ كەتمەڭ، ئۇنى ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بالىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىشقا مەدەت بېرىڭ، بولمىسا ئۇنىڭدا كىشىگە ئارىلاشماسلىقتەك يامان ئادەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. 
11. بالىڭىز نېمە ئالىمەن دېسە شۇنى ئېلىپ بەرمەڭ، ئۇنىڭغا « ئەمگەك ۋە ئېرىشىش»، « ئېرىشىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيەت»نىڭ مۇناسىۋېتىنى ئېنىق تونۇتۇڭ. 
12. تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق شۇنداقلا ئائىلىدىكى بەزى چوڭ ئىشلاردا بالىڭىز بىلەن مەسلىھەتلەشسىڭىز بولىدۇ. 
 بالىڭىزغا بولغان مېھرىڭىز تۇراقلىق بولسۇن، بەزىدە ئىسسىق بەزىدە سوغۇق بولۇپ قالمىسۇن.


تەھرىر تەۋسىيەسى:

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(1)

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(3)

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى 17 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى(1)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى