ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

راكلىق قىچا

راكلىق قىچا

ۋاقتى: 2015-07-27 ئاۋاتلىقى: 802 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق يېشى: يەتتە ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: قىچىدىن 30 گرام، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكتىن مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش ئۇسۇلى: 
قىچىنى پاكىز يۇيۇپ، قايناقسۇغا بېسىپ ئېلىۋالىمىز ۋە چانايمىز، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنى پاكىز يۇيۇپ، بىردەم سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن، سۈزۈۋېلىپ چانايمىز، ئاندىن چانالغان قىچا بىلەن راكنى قاچىغا سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن بوۋىقىڭىزغا يېگۈزسىڭىز بولىدۇ. 
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: قىچىنىڭ ئورنىغا پالەك، يېسىۋىلەك، ئېپومىيە ئوتى قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن راكنىڭ ۋېتامىن كەم بولۇشتىن ئىبارەت كەمچىللىكىنى تولۇقلاپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
قوشۇمچە: بازارلاردىكى قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: خام پېتى ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك ۋە سۇدا پۇشۇرۇپ قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك. ئالدىنقىسىنىڭ تۇز تەركىبى يوق بولۇپ، يېڭى ۋە تەمى ياخشى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈپىتى ئاسان ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، ئۇزۇن ساقلاپ يېگىلى بولىدۇ. رەڭگى ئاق ۋە پارقىراق بولغان راك ئەڭ ياخشى، ئانىلار خاتىرجەم ئىشلەتسە بولىدۇ. رەڭگى قېنىق سېرىق، تولۇق سوقۇلمىغان، پارقىراق بولمىغان راكنىڭ سۈپىتى ناچار بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماسلىق كېرەك. سۇدا پۇشۇرۇپ قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنىڭ رەڭگى قىزغۇچ، پارقىراق، قاتتىق-يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق بولغانلىرىنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى