ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنىڭ ئۆرۈلۈشىدىكى بىنورماللىقلار

بوۋاقلارنىڭ ئۆرۈلۈشىدىكى بىنورماللىقلار

ۋاقتى: 2016-05-20 ئاۋاتلىقى: 521 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

       ئادەتتە 4~7 ئايلىق ئەتراپىدىكى بوۋاقلار ئاساسەن ئۆرۈلەلەيدۇ، ئەلۋەتتە، ئوخشىمىغان بوۋاقلار ئارىسىدا پەرق مەۋجۇت. يەنە تۇيۇقسىز قورقۇپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈشتىن ۋاز كېچىش، بەك سېمىز بولغانلىقتىن ھەرىكىتى قىيىنغا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.
      ئۆرۈلەلمىگەن بوۋاقلاردا فىزىيولوگىيىلىك مەسىلە بار بولسا، ئادەتتە بېشىنى كۆتۈرۈشنى ئۆگەنگەن مەزگىلدىلا سېزىلىدۇ. ئەگەر بوۋاق 7ئايدىن ئېشىپمۇ ئۆرۈلەلمىسە ياكى ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىسا شۇنداقلا سېمىزلىك قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بولمىسا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك. 

     مەشق جەريانىدىكى بىخەتەرلىك
چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
     دەسلەپتە بوۋاق پەقەتلا بەدىنىنى ئوڭ-سولغا ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قىسقا ۋاقىتلىق تەسىر كۈچ بىلەنلا ئۆرۈلەلەيدۇ. بۇ كۈچ ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ، ئازراقلا دىققەت قىلىنمىسا بوۋاق كارىۋاتتىن يەرگە چۈشۈپ كېتىپ يارىلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ مەزگىلدە كارىۋات، كىرىسلو يېنىغا يۇمشاق تەگلىكلەرنى سېلىپ قويۇش، بوۋاقلار كارىۋېتىنى توساق رىشاتكىسىنى ئورنىتىپ قويۇش لازىم.
  قىسىلىپ ياكى كۆيۈپ يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
        بوۋاقلار ئۆرۈلۈش جەريانىدا پۇت-قوللىرىنى كارىۋات بالدىقىغا قىستۇرۇۋېلىپ ياكى قولى تېگىدە قېلىپ يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا توك پار قاتارلىقلارغا تېگىپ كېتىپ كۆيۈپ يارىلىنىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
تاشقى زەخىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش
    بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلار ئۆرۈلۈپلا قالماي، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى تۇتۇشقا ئامراق بولغانلىقتىن، خەتەرلىك بويۇملاردىن يىراق قىلىش، ئۇچلۇق، بىسلىق نەرسىلەر بىلەن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى