ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالىنى يورۇتقۇچىلاردىن بولۇشى لازىم

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالىنى يورۇتقۇچىلاردىن بولۇشى لازىم

ۋاقتى: 2016-06-10 ئاۋاتلىقى: 698 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلار تەپەككۇرغا ئىگە مۇستەقىل ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بالىلارغا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش لازىم، بىرىنچىدىن، بالىلارنى ئامراق نەرسىمىز قىلۋالماسلىقىمىز لازىم، ‹‹بالىنى ئەركىگە قويۇپ بەرسەك، ئۇنى ھالاك قىلىمىز››، ئاتا-ئانىنىڭ شەخسىيەتسىز مۇھەببىتى بالىنى ئىنتايىن شەخسىيەتچى قىلىپ قويىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بالىلارنى ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان نامايەندە قىلۋالماسلىق لازىم. بالىلارنىڭ ئۆز ئارزۇسى بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، بالىلارنى ئاجىز ھېسابلىماسلىق لازىم. ھەممىگە چاي كېرىۋېلىش بالىلارنى ياشاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ، ئاخىر ئۇلارنى تۇرمۇشتا ئىقتىدارسىز قىلىپ قويىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، بالىلارنى توختىماي ئۆگىنىش قىلىدىغان ماشىنا دەپ قارىماسلىق، بالىلارنىڭ ئويناش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى بالىلىق دەۋرىدىن بەك بۇرۇن مەھرۇم قىلماسلىق لازىم.


بالىلارنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا بەلگىلىك پىسخىكىلىق ۋە فىزىيولوگىيەلىك تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. چوڭلار ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشغا ئارىلىشىۋالماسلىقى لازىم. مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرىمەن دېگەنلىك، بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىدىن بەزى سوئاللارنى سوراشقا ئامراق كېلىدۇ، چوڭلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ سوئاللارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى ئاددىي، ھەتتا بىمەنىدەك تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىغان ھالدا بالىغا نەزەر تاشلىسا، بالىنىڭ ئويلىغىنىنىڭ بىرمۇ توغرا يېرى يوق، دېگەن قاراشقا كېلىپ قالىدۇ. بالىلاردە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنى بالىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلاپ كۆرۈش ئۇسۇلى بىلەن ھەق قىلسا، ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى چۈشنەلەيدۇ.
بالا ئەر-خوتۇن مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى، بالا بۇ دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان قىممىتىنى بىلدۈرۈغ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. ئاتا-ئانا ۋەتەن ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيەلەش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئىرادىلىك قىلىپ تەربىيەلەشى لازىم. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئىرادىلىك قىلىپ چىقىش ماھىيەتتە بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ غايىلىك، كەڭ قورساق ۋە جەلىپكار قىلىپ تەربىيەلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنى بايقاش قىيىن ئەمەسكى، بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلىگەندە، بالىلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىنى يېتىلدۈرۈشتە شەخىسنى چىقىش نۇقتىسى قىلغانلىقتىن، چوڭ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. بەزى بالىلار كىچىك ئىشلار ئۈچۈن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈىدۇ ياكى بەزىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغان ۋەقەلەرنىمۇ سادىر قىلىدۇ.

تەھرىر تەۋسىيەسى:

ئاتا-ئانىلىق لاياقىتى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(6)

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(2)

مەنبە: «پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى