ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنىڭ قورسىقى كۆپۈپ قېلىشىنىڭ قانداق ئالدىن ئېلىش كېرەك؟

بوۋاقلارنىڭ قورسىقى كۆپۈپ قېلىشىنىڭ قانداق ئالدىن ئېلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-03-02 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ئىمكانقەدەر بالىنى يىغلاتماسلىق كېرەك.  بوۋاقلار يىغلىغان چاغدا ئاسانلا قورسىقى كۆپۈپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنى بەزلەش، ياكى ئۇنى قۇچاقلاش، بوۋاقنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۇنىڭ قورسىقى كۆپۈش ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. 


2. بوۋاقنىڭ قورسىقىنى بەك ئاچۇرۇۋېتىپ ئاندىن ئېمىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بوۋاقنىڭ قورسىقى ئېچىش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە، ئېمىتكەن چاغدا بەك تېز ئېمىپ كۆپ مىقداردا ھاۋا كىرىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا بوۋاقنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئېمىتىش ھەمدە ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن بوۋاقنىڭ يەل ماڭغۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 
3. بوۋاقنىڭ قورسىقىنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ قورساقتىكى يەلنىڭ چىقىپ كېتىشى ۋە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق. 
4. ئېمىتكەن چاغدا، ئېمىزگىنىڭ بوۋاقنىڭ ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىدا بولۇشىغا، يانتۇ بولۇپ قالماسلىقىغا  كاپالەتلىك قىلىش، شۇ ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھاۋانى سۈمۈرۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 
5. ھەزىم قىلىش يولىدا ئاسان ئېچىيدىغان ھەم گاز ھاسىل بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلدۇرۇشنى توختىتىش كېرەك. مەسىلەن: تاتلىقياڭيۇ، ئالما، قوغۇن قاتارلىقلار. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى