ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پەرزەنتلەرنى خاسلىقىغا قاراپ تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور

پەرزەنتلەرنى خاسلىقىغا قاراپ تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور

ۋاقتى: 2016-05-30 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، يېتەرسىزلىكىمۇ بولىدۇ، ئەقىللىق ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئۇلارنى ئەھۋالىغا قاراپ يېتەكلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر بالىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى بولىدۇ، جۈملىدىن ئاجىز بالىلارنىڭمۇ شۇنداق.
ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ پىسخىكىلىق بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۇلاردىن بەك يۇقىرى ئۈمىد كۈتمەسلىكى لازىم. چۈنكى، ئۈمىد يۇقىرى بولغانسېرى، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ھەتتا شەيئىلەر راۋاجلىنىپ چېكىگە يەتكەندە مۇقەررەر ھالدا ئەكسىگە قايتىدۇ. ئاتا-ئانىلار يەنە ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، شامالغا ئەگەشمەسلىكى، بەسلەشمەسلىكى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشى لازىم.
رېئال تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك مەسىلىلىرى، ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، چىن كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىشكە زادىلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەمئىيەتكە نورمال ئارىلىشالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەربىيەلەشتە پەرزەنتلەرگە ھەددىدىن ئارتۇق كۆيۈنۈپ، ئۇلار نېمە دېسە شۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۇلارغا《ئىش ئوڭىدىن كېلىدىغان》دەك تۇرمۇش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىپ، ئوڭۇشسىزلىققا قانداق توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمىگەندە، ئويلىمىغان بەزى ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن بالىلاردا پىسخىكىلىق مەسىلىلەر، ھەتتا پىسخىكىلىق توسالغۇ، پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئۇشتۇمتۇت كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئاتا-ئانىلارنى ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھەتتا ئائىلە، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنى ئورنىنى تولدۇرۋالغۇسىز ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالدۇرىدۇ.

ئاتا-ئانا بولۇشمۇ بىر خىل كەسىپ، بۇ كەسىپ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى تۇغما بولىدۇ؛ ئائىلە قۇرۇلۇپ، پەرزەنتلىك بولسىلا، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەلۋەتتە ئاساسلىق ئائىلە باشلىقى(پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ياشايدىغان قۇرامىغا يەتكەن باشقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تەبىئىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئاتا-ئانا ھەممىسى مۇشۇ تەبئىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ لاياقەتلىك بولالامدۇ؟ھەممىسى كامالەتكە يەتكەن ھېسابلىنامدۇ؟ بەلكىم ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. لاياقەتلىك ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى بەخىتلىك، تەلەيلىك بولىدۇ؛ بولۇپمۇ ھازىرقى بالىلارنى تەربىيەلەشتە، ئاتا-ئانىنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا يېتىشەلمىسە، پەرزەنتلىرى ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئالدىدا ئامالسىز قالىدۇ.
بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئاسان قولغا كەلمىگەن بۈگۈنكى بەخىتلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەش تەربىيەسى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇلار: بۇرۇن داۋاملىق بىز قوناق ئۇنى يەيتتۇق، ھازىر گۈرۈچ، بۇغداي ئۇنى يەيمىز، دېسە، بالىلار: ئۇنداقتا قوناق ئۇنى نېمە ئۈچۈن بۇغداي ئۇنىدىن قىممەت؟ دەپ سورايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلغاندا، پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلىرىغا: سىلەر نېمە ئۈچۈن ئالىم بولمىدىڭلار؟ دەپ سوئال قويۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ، ھەتتا پەرزەنتلىرىدىن چاتاق چىققاندا، ئاتا-ئانا سەۋەبنى ئۆزلىرىنىڭ تەربىيەلەش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىدىن ئىزدىمەستىن، جەمئىيەتتىن، مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچىدىن كۆرىدۇ، سەۋەبنىڭ پەقەت ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قەدىمدىن تارتىپ 《ئوغۇلنى تەربىيەلىمەسلىك ئاتنىڭ سەۋەنلىكى》《قانداق ئاتا بولسا، شۇنداق ئوغۇل بولىدۇ》 ، 《قانداق ئانا بولسا، شۇنداق قىز بولىدۇ》دېگەن گەپ بار، ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش مەسىلىسى بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى لازىم. شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى يېتىلەپ تۈرلۈك كۇرسلارغا ئاپىرىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ قوش دەم ئېلىش كۈنلىرى بىكار قالماي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بوش ۋاقىت قالدۇرۇلمايدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پۇل خەجلەپ مەبلەغ سېلىشقا، ۋاقىت چىقرىپ بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ، ھەرخىل كۇرسلارغا قاتنىشىشقا چىدايدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلار مەكتىپىگە بېرىپ تەربىيە ئېلىش ۋاقتى كەلگەندە، بەزى ئاتا-ئانىلار بىرىنچىدىن، ۋاقتىمىز يوق، ئىككىنچىدىن، بۇ قالايمىقان ھەق ئېلىش، دېيىشىدۇ.
ئاتا-ئانىلاردا شۇنداق بىر ئېنىق تونۇش بولۇشى كېرەككى، ئۇلاردا《تەبئىيلىك تىپى》دىن《تەربىيەچىلىك تىپى》گە،《ئىختىيارىچە》تەربىيەلەشتىن《پىلانلىق》تەربىيەلەشكە،《زىياندىن كېيىن ئورنىنى تولدۇرۇش تىپى》دىن 《ئالدىنى ئېلىش ۋە ئالدىن كۆرۈش تىپى》گە ئۆتۈش ئۈچۈن، بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئازراق مەبلەغ چىقىرىپ ئاتا-ئانىلار مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش ئورگىنىغا بېرىپ، ئائىلە تەربىيەسى جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ياكى ئائىلە تەربىيەسىگە ئائىت كىتاب-ژۇرناللارنى سېتىۋېلىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، خۇددى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى كىنىشكىسى ئېلىشى زۆرۈر بولغىنىدەك، لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلىق كىنىشكىسى ئېلىشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىپ، جەمئىيەتكە، ۋەتەنگە ۋە خەلققە ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ.
ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىنى پەرزەنتلىرىنى كۇرسلارغا قاتناشتۇرغاندىمۇ مۇھىم دەپ قارايدىكەن، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە قىيىنچىلىق ئاز بولىدۇ، لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلار قوشۇنى بارغانسېرى زورىيىدۇ.

مەنبە: پەرزەنت تەبىيەلەش دەستۇرى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى