ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پەرزەنت تەربىيەلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى(1)

پەرزەنت تەربىيەلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى(1)

ۋاقتى: 2016-02-21 ئاۋاتلىقى: 841 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەرزەنت تەربىيەلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىدا. ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت ساقلانسا، نۇرغۇن تەربىيەدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. پەرزەنت بىلەن ھەر قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقىنى خېلى كۆپ قىسقارتىدۇ.
ئۇنداقتا، پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى سىر نەدە؟مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش تارىخىغا قارىساق، پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى سىرنىڭ ئائىلدىكى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلىشىدە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت مۇناسىۋىتى ئاتا-ئانا ۋە ئائىلىدىكى چوڭلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىنلا《ئاتا-ئانا پەرزەنت》مۇناسىۋىتى پەيدا بولىدۇ، ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان ئوبيېكتىپ رېئاللىق. ھايۋانات دۇنياسىدىمۇ ئاتا-ئانا بىلەن بالا مۇناسىۋىتى بولىدۇ. 《ۋەھشىي يولۋاسمۇ بالىسىنى يېمەيدۇ》، يىرتقۇچ شىر پادىشاھى بالىسىنى بېقىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، يەنە ئۇنىڭغا ياشاش ماھارىتىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ قانداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ تەبئىي ھەرىكىتى، تەبئىي خاسلىقى. ئادەم جەمئىيەتتە ياشايدۇ، ئىنسانلاردىكى 《ئاتا-ئانا-پەرزەنت》مۇناسىۋىتى تەبئىي خاسلىققا ئىگە بولۇشتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى ئۇ، ئىنسانلاردا بولغان ئالىي ھېسسىيات-مۇھەببەتنى ئاساسىي يىپ، روھى ئىشەنچنى رىشتە قىلىپ شەكىللەنگەن مۇناسىۋەتتۇر.

تەھرىر تەۋسىيەسى:

ئاتا-ئانىلىق لاياقىتى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(7)

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى 17 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى(1)


بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەت پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئاساسى، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە بولغان تەربىيەسى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىش-يېتىلەلمەسلىكىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىر مۇتەخەسسىس: ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدا يېقىن، زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلاش نۇرغۇن تەربىيەدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، دەپ خۇلاسە چىقارغان. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز كېيىنكى ماقالىلىرىمىزگە دىققەت قىلغايسىز.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى