ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ؟

قانداق قىلغاندا ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ؟

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 666 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 1. ئاپتاپقا قاقلىنىشتا مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاش،  بالا سايىدايدىغان يەرمۇ بولۇشى كېرەك،  مەسىلەن: دەرەخ ئاستى ياكى كۈنلۈك ئاستى دېگەندەك،  ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنى توسىدىغان چىدىرنى ئېلىپ چىقىش كېرەك،  بالىنىڭ تېرىسىنى نەم،  سالقىن ھالەتتە ساقلاپ،  ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىشتىن ساقلىنىش. 
2. قوغداش رولى بار بولغان كىيىملەرنى تاللاش،  نېپىز،  سۇس رەڭلىك كىيىملەرنى تاللاش،  بالىنىڭ بىلەك ۋە پۇتلىرىنى قوغداش،  زىچ توقۇلغان رەختلەر ئادەتتىكى ئازادە توقۇلغان رەختلەرگە قارىغاندا تېرىنى تېخىمۇ بەك قوغدايدۇ،  بالىنىڭ بېشىدا مەيلى چېچى قويۇق بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، بالىنىڭ بېشىغا دوپپا كىيگۈزۈش بالىنىڭ يارىلىنىشىدىن قوغدايدىغان بىر خىل ئۇسۇل. 

3. ئانا بولغۇچىلار بالىلىرىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىشىغا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ،  تېرىنىڭ قىزىرىپ قېلىشى ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ بىر قەدەر روشەن بولغان ئالامىتى،  ئاساسلىق ئىپادىسى بولسا،  تېرىنىڭ قىزىرىپ قېلىشى،  قارىداپ قېلىشى،  تېرە تاشلىشى،  قاپارتما چىقىش قاتارلىقلار،  بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندىن كېيىن،  ئانا بولغۇچىلار بالىلىرىنى دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك،  بولمىسا ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ ياكى ياللۇغلىنىپ قېلىشى مۇمكىن،  ئانا بولغۇچىلار يەنە بالىلىرىنىڭ كۆيۈشتىن ساقلىنىشىغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك،  مەسىلەن،  كۈن قالقىنى قاتارلىقلارنى سۈركەش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك،  كۈن قالقىنى تاللىغاندا،  بالىلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغىنىنى تاللاش كېرەك. 
4. بوۋاقلار ھارۋىسىدا ئولتۇرغاندىمۇ كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بالىغا نېپىز،  ئاق رەڭلىك ئۇزۇن يەڭلىك مايكا كىيگۈزۈپ قويۇش كېرەك،  ئانا بولغۇچىلار كۈن قالقىنى،  كىچىك پوسما،  كىچىك قارا كۆزەينەكنى ھەر ۋاقىت يېنىدىن ئايرىماسلىقى كېرەك،  پەقەت بالىڭىز شۇلارنى ئىشلىتىشنى خالىسىلا.  

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى