ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار ئۈچۈن ئېسىل يېمەكلىك-قىچا شوۋىگۈرۈچى

بالىلار ئۈچۈن ئېسىل يېمەكلىك-قىچا شوۋىگۈرۈچى

ۋاقتى: 2016-05-28 ئاۋاتلىقى: 684 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار 
خۇرۇچلار: گۈرۈچتىن 30 گرام، قىچا يۇپۇرمىقىدىن بەش تال
تەييارلاش ئۇسۇلى: 
1. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، سۇدا قاينىتىپ پىشۇرىمىز.
2. قىچا يۇپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق چانايمىز. 
3. قىچانى شوۋىگۈرۈچنىڭ ئۈستىگە سېلىپ، يەنە بەش مىنۇت قاينىتىمىز. 
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: قىچانىڭ تەركىبىدە مول كالتىسىي، تۆمۈر ۋە ۋېتامىن C، كاروتىن بار. كالتىسىي مىقدارى قىچانىڭ يۇپۇرمىقىدا ئەڭ مول بولىدۇ. قىچا تەركىبىدە ئوكسالىك كىسلاتا (草酸) مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بوۋىقىڭىزغا خاتىرجەم يېگۈزسىڭىز بولىدۇ. 
قوشۇمچە: پالەك، قىزىل بۇغداش (苋菜)، ئېپومىيە ئوتى(空心菜)، قاپاق ھۇررىكى (茭白) قاتارلىق سەي-كۆكتاتلاردىن ھەرخىل شوۋىگۈرۈچلەرنى قاينىتىپ بوۋىقىڭىزغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇلاردا ئوزۇقلۇق مول بولغان بىلەن، ئوكسالىك كىسلاتاسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا كالتىسىي ئوكسالات (草酸钙) چۆكمىسى ھاسىل قىلىپ، كالتىسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل كۆكتاتلاردىن شوۋىگۈرۈچ تەييارلاشتىن بۇرۇن، قايناقسۇغا بېسىۋېتىش ۋە ھەرخىل سەيلەرنى بىر-بىردىن سېلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى