ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تىلىنىپ يارىلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش

تىلىنىپ يارىلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش

ۋاقتى: 2016-05-17 ئاۋاتلىقى: 575 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تىلىنىپ يارىلىنىش-ئاساسلىق باسقۇچلىرى: قان توختىتىش
 باش قىسمى تىلىنىپ يارىلىنىش: دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.
تەكلىپ: قان چاچقا چاپلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك يارىنى بىرتەرەپ قىلىش بىرقەدەر مۇرەككەپ، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى كەسپىي دوختۇرلار بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار قان چىققان ئورۇننى پاكىز قەغەز ياكى لاتا ئارقىلىق بېسىپ يېڭىدىن قان چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرگە بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش يارىنى بىر تەرەپ قىلدۇرۇش لازىم.
 باشقا ئورۇنلاردىكى يارىلارغا نىسبەتەن:  ئۆز ئالدىغا بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.


باش قىسىمدىن باشقا يەردىكى يارىغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىلار ئۆيدىلا بىرتەرەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسا قېنىق رەڭلىك لۆڭگە ئىشلىتىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا قاننىڭ رەڭگىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا ۋە بالىلارغا بەرگەن جىددىيلىك تۇيغۇسىنى پەسەيتىشكە بولىدۇ. لۆڭگىگە بىر قانچە تال مۇز پارچىسىنى ئوراپ يارا ئېغىزىغا تاڭغاندا قان توختىتىش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. قان توختىغاندىن كېيىن، سوپۇن بىلەن پاكىز يۇيۇش كېرەك، ئىسسىق سۇ ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى ئىسسىق سۇ بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ يەنە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يارىنىڭ سىرتىدىن ئىسپىرت، ھىدرو پېروكسىد (过氧化氢) قاتارلىقلارنى سۈرتۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇلار يارا پۈتۈشى ئۈچۈن كېرەك بولغان يېڭى ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئانتىبئىوتىك مەلھەم دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇ تۈردىكى دورىلار يارىنىڭ پۈتۈش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنىڭىز: يارىنىڭ ئېغىزىنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن دورىلىق چاپلاق چاپلاش، باكتېرىيە ۋە باشقا مەينەت نەرسىلەرنىڭ يارا ئېغىزى بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
دائىم سادىر قىلىدىغان خاتالىق:  پات-پات لۆڭگىنى ئېلىپ يارىغا قاراشتىن ساقلىنىش. سوغۇق لۆڭگىنى چوقۇم ئاز دېگەندىمۇ بەش مىنۇت يارا ئېغىزىغا يېنىك بېسىلىپ تۇرۇشى كېرەك، دائىم لۆڭگىنى كۆتۈرۈپ يارىغا قارىماسلىق كېرەك. بەش مىنۇتتىن كېيىن ئەگەر قان يەنە توختىمىسا بەش مىنۇتتىن ئارتۇق بېسىپ تۇرۇشقا بولىدۇ. ئادەتتە %95 ئەھۋالدا مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قان توختىتىشقا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى