ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى-دولانا شەربىتى

بوۋاقلار ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى-دولانا شەربىتى

ۋاقتى: 2016-07-10 ئاۋاتلىقى: 1334 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: بەش ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: دولانا ياپراقچىسىدىن 500 گرام، ئاق شېكەر 100 گرام، قايناقسۇدىن 1.5 كىلوگرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. دولانا ياپراقچىسىنى سوغۇق سۇدا تېز سۈرەتتە پاكىز يۇيۇپ، توپىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، تەڭنىگە سالىمىز.
2. قايناقسۇنى تەڭنىگە تۆكۈپ، ئاغزىنى ئېتىپ قويىمىز، تاكى قايناقسۇ سوۋۇپ بولغۇچە ئاغزىنى ئاچمايمىز، سوۋۇغاندىن كېيىن دولانا سۈيىنى ئىستاكانغا قۇيۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر سالىمىز، شېكەر ئېرىگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: تەر چىقىرىپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. چۈچۈمەل ۋە تەملىك بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاشقازاننىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش رولى بار. بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. (دولانا ياپراقچىسىنى سوغۇق سۇدا تېز سۈرەتتە يۇيۇش كېرەك، ئاستا يۇغاندا يۇمشاپ قېلىپ، پاكىز يۇغىلى بولمايدۇ. دولانا دەملىگەن سۇ چوقۇم قايناقسۇ بولۇشى كېرەك، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ).

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى