ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىشنى جۇڭيىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىشنى جۇڭيىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

ۋاقتى: 2016-10-14 ئاۋاتلىقى: 929 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئالدىنى ئېلىش رېتسىپى: ئۇچقات 6گىرام، ئوسما يوپۇرمىقى 6گىرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن 15گىرام، خام كوكس ئوتى 10گىرام. قاينىتىپ ئىچىلىدۇ، بىر كۈندە ئىككى ۋاخ. ئۇدا 5-7 كۈن ئىستېمال قىلىش. رېتسىپ قىزىتمىنى قايتۇرۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار، ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋپى بارلارغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. يۇقىرىقىلار 3-6 ياشقىچە بولغانلارغا بېرىش مىقدارى. ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن مىقدارىنى ئازايتىش لازىم. 6ياشتىن چوڭ بالىلارغا نىسبەتەن مىقدارىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ.
  داۋالاش رېتسىپى: تېرە قاپارتمىلىق ئىششىقىغا نىسبەتەن : سېرىق بۇيا، ياۋا جۇخار گۈلى، ئەڭلىكئوت، ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گرامدىن، 3000 مىللىمېتىر سۇ قوشۇپ تاكى 2000 مىللىمېتىر قالغۇچە قاينىتىپ 35℃~38℃ قىچە  سوۋۇغاندىن كېيىن قول-پۇت ۋە ساغرا قىسىمنى 10-15مىنۇت ئەتراپىدا چىلاش لازىم.


 ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى قاپارتمىلىق ئىششىقىغا نىسبەتەن: تاۋۇز قىراۋى  ياكى ئېغىز بوشلۇقى پۈركۈگۈچىسىنى جاراھەت ئورنىغا پۈركۈش. كۈنىگە ئىككى قېتىم.
چىش مىلىكى ئىششىپ ئاغرىشقا نىسبەتەن: ئوسما يىلتىزى 10 گىرام، قالقانگۈل ۋە سەپرا ئوت  6 گرامدىن، دىسىئانىن 3 گىرام، بامبۇك يوپۇرمىقى ۋە يالپۇز 2 گرامدىن ئېلىپ قايناتقاندىن كېيىن ئېغىز چايقاش.
  يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رېتسىپى: قىزىل سەۋزە بىر تال، ئاق سەركىچۆپ يىلتىزى 15گىرام، خام كوكس 15گىرام. كۈنىگە بىر قېتىم، قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىلىدۇ. پىلىكئوت 5گىرام، تومۇزغا قاسرىقى 3گىرام، بومباس گۈلى بىر تال، ئالستونىيە ئوتى 10 گىرام، ئورۇق گۆش 50 گىرام قاينىتىپ شورپىسى ئىچىلىدۇ. نىلۇپەر يوپۇرمىقى شورپىسى: نىلۇپەر يوپۇرمىقى 2 قۇلاق، ئاقلانغان گۈرۈچ 50 گىرام، نىلۇپەر يوپۇرمىقى ئېزىپ قاينىتىلىپ ئىچىلىدۇ.
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى 3-6 ياش ئەتراپىدىكى بالىلار تەڭشىلىدىغان رېتسىپ، ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسلىنىپ مىقدارىنى تەڭشەشكە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى