ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئاز بولۇپ قالسا...

بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئاز بولۇپ قالسا...

ۋاقتى: 2015-12-02 ئاۋاتلىقى: 726 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئائىلە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن. كۆپىنچە بالىلار ئاتا – ئانىلىرى بىلەن بىللە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئاز بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتى تەرتىپسىز بولسا بالىلارنىڭمۇ ئۇيقۇسىمۇ ياخشى بولمايدىكەن.
 بىرىنچى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن دەرس بېسىمىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى ئىكەن.


  ئىككىنچى: ئۇزاق مۇددەت تېلېۋىزور كۆرۈش، كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇنىڭغا ئاتا – ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ چىڭ بولماسلىقى سەۋەب بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا تېخىمۇ بەك كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
 ياخشى، يېتەرلىك ئۇخلىيالمىغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى كېچىكىدىكەن. زېھنىنى يىغىش ئىقتىدارى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ھەم بىر قاتار ھېسسىيات مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىنكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ ئالتە ياش مەزگىلىدە ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا، ياشلىق مەزگىلىدە سەمىرىپ كېتىدىغان ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.

 

مەنبە: توغراق تورى

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى