ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىشىش ئەھۋاللىرى

بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىشىش ئەھۋاللىرى

ۋاقتى: 2016-07-29 ئاۋاتلىقى: 816 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلادا ئوزۇقلۇق ناچارلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ياكى يېمەك-ئىچمەك يېتەرلىك بولسىمۇ، بەدەننىڭ سۈمۈرۈپ پايدىلىنىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش بولۇپ، بالىلىق مەزگىلى بەدەننىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشنىڭ مۇھىم مەزگىلى بولغاچقا، ئوزۇقلۇق ناچارلاشسا، بالىنىڭ بەدەننىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە سالامەتلىكىگە چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك.
بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ:
1) ئۇزۇن مەزگىل بوۋاقلارنى ياخشى باقماسلىق، مەسىلەن، ئانا سۈتى يېتىشمەسلىك، قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرمەسلىك، ياكى قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ناچار، مىقدارى ئاز بولۇش. بالىلارنىڭ تاماق تاللىشى، ناشتىنىڭ ئاددىي بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار.


     2) بەزى بوۋاقلاردا تۇغۇت يارىسى، تۇغما غەيرىيلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش قىيىن بولۇش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.
3) بوۋاقلاردىكى بەزى كېسەللىكلەر بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بالىلاردا ئېشتىھانىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش، سۈمۈرۈلۈش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياكى بوۋاقلاردا ئۇزۇن ۋاقىت ئىچى سۈرۈش، ياندۇرۇش ئەھۋاللىرى ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4) ئوزۇقلۇقنىڭ تۇغما يېتىشمەسلىكى، مەسىلەن قوشكىزەك بوۋاقلار، كۆپكىزەك بوۋاقلار، بالدۇر تۇغۇلۇپ كەتكەن بوۋاقلاردا دائىم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى