ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ يىغىسىنى توختىتىشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى

بوۋاقنىڭ يىغىسىنى توختىتىشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى

ۋاقتى: 2015-03-06 ئاۋاتلىقى: 655 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆپ ھاللاردا بوۋاقلارنىڭ قەغىش قىلىپ يىغىلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بولماق قىيىنغا توختىغانلىقتىن، ئاتا-ئانىسى شۇنچە پايپېتەك بولۇپمۇ بالىسىنىڭ يىغىسىغا ئامال قىلالماي قالىدۇ. تۆۋەندىكىلەر مۇتەخەسسىسلەر تەۋسىيە قىلغان ئۇسۇللار بولۇپ، سىزگە ئەسقېتىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
 ئەدىيال بىلەن چىڭ يۆگەپ قويۇش. كۆپلىگەن بوۋاقلار چىڭ يۆگەلگەن ھالەتتە تۇرسا ئۆزىنى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرغاندەك بىخەتەر ھەم ئىللىق ھېس قىلىدۇ.
 ئادەم ئالماشتۇرۇش. ئانا بەزلەپ توختىتالمىسا، دادا بولغۇچى سىناپ بېقىشى لازىم.
 غەيرىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش. ئوخشىمايدىغان بىر قىياپەت ئالماشتۇرۇپ، بىر قولدا بوۋاقنىڭ دۈمبىسىنى سىلىغاچ يەنە بىر قولدا ھەرخىل ھەرىكەتلەندۈرۈپ بوۋاقنىڭ دىققىتىنى بۇرىغاندا، دىققىتى شۇ ھەرىكەتكە مەركەزلىشىپ يىغلاشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
 بۇرۇننى بوۋاقنىڭ بوينىغا سۈركەش. بۇ ئۇنىڭغا قىزىقارلىق تۇيۇلۇشى مۇمكىن.
 بوۋاقنىڭ پېشانىسىگە ئاستا پۈۋلەش. بوۋاقنىڭ پېشانىسىگە قارىتىپ ئۈزۈلدۈرمەي يېنىك، ئاستا پۈۋلىگەندە ئۇ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ چوڭقۇر نەپەس ئالىدۇ، بىر قانچە قېتىپ تەكرارلانغاندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ نېمىشقا يىغلىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلە شۇكى، سىزدە يۇقۇملۇق كېسەل بولماسلىقى كېرەك.


 سۇنىڭ ئاۋازى. سۇ ئاققاندىكى ئاۋازمۇ ئۇنىڭغا يىغىنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ.
 تۆۋەن ئاۋاز. چاڭ توزان سۈمۈرگۈچنى تۆۋەنرەك تەڭشەش ياكى رادىيونى ئىككى قانال ئارىسىغا تەڭشەپ قويۇش، ئۈنئالغۇغا قۇرۇق پىلاستىنكا سېلىپ قويۇش. بۇخىل ئاۋازلارنى ئاڭلىسا بوۋاقنى ئاسانلا ئۇيقۇ باسىدۇ.
 ئەگەر ماشىنىدا ئولتۇرغاندا يىغلاپ توختىمىسا، دېرىزە تۈۋىگىرەك يۆتكەپ، سىرتتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرسىتىش، زورلاش ئارقىلىق دىققىتىنى بۇراش كېرەك.
 بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەش.
 بوۋاقنىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇپ، تىزغا ئولتۇرغۇزۇپ «لىڭگىرتاقتاق» ئوينىتىش.

تۆۋەندىكىلەر بىرقىسىم ئانىلارنىڭ تەجرىبىلىرى:

 بوۋاقنىڭ قورسىقىنى يېنىك ئۇۋۇلاش ياكى ئىسسىق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈش.
 بوۋاقنىڭ بەدەنلىرىنى سىلاش. بۇ ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرىدۇ.
 تېلېفون ئۇرۇش، ئايروپىلان ئۇچۇرۇش ئويۇنلىرىنى ئوينىتىش.
 بوۋاقنى تىزغا ياتقۇزۇپ ياكى ئولتۇرغۇزۇپ يېنىك تەۋرىتىش.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى