ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ قوغۇشۇنلۇق سىردىن زەھەرلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ

بالىلارنىڭ قوغۇشۇنلۇق سىردىن زەھەرلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ

ۋاقتى: 2016-02-22 ئاۋاتلىقى: 620 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 18- ئۆكتەبىر قوغۇشۇنلۇق سىر بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «ئاساسلىق ئۇچرىشىش نۇقتىسى» دەپ بېكىتىپ، كۆپچىلىكنى قوغۇشۇن تەركىبى بار سىر ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ، بىخەتەر سەپلىمە بۇيۇم ئىشلىتىپ، بالىلارنى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشتىن ساقلاشقا دەۋەت قىلدى.
قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارا تەشۋىقات ھەرىكىتى مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ يىللىق ھەرىكەتنىڭ باش تېمىسى «ساغلام كەلگۈسى ئۈچۈن بالىلارنى قوغۇشۇندىن يىراقلاشتۇرۇڭ».
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاممىۋى تازىلىق ۋە مۇھىت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مارىيە نېلا 18-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: يەر شارىدىكى بالىلارغا نىسبەتەن قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ئەڭ مۇھىم مۇھىت ئەندىشىسىنىڭ بىرسىدۇر، قوغۇشۇنلۇق سىر بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «ئاساسلىق ئۇچرىشىش نۇقتىسى». قوغۇشۇنلۇق سىرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئارقىلىق، بۇنداق سىر بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قوغۇشۇننى زور ئاممىۋى سەھىيە غۇلغۇلىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 10 خىل خىمىيەلىك بۇيۇم قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەردىن ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىشچىلار، بالىلار ۋە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يىلى 143 مىڭ ئادەم قوغۇشۇن بىلەن ئۇچرىشىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە بۇنداق ئەھۋال ئەڭ ئېغىر ئىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەر مۇنداق تەكىتلىدى: قوغۇشۇننىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان خەۋپىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، كىچىك بالىلار قوغۇشۇن زەھىرىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدۇ ھەمدە ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان ئېغىر ۋە سىجىل ئەكس تەسىرىگە بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. قوغۇشۇن چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر يىلى تەخمىنەن 600 مىڭ بالا قوغۇشۇن بىلەن ئۇچرىشىش تۈپەيلىدىن ئەقلى كەمتۈك بولۇپ قالماقتا.



دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: بالىلار ئويۇنچۇق، تام، ئىشىك رامكىسى ۋە ئائىلە جاھازلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق قوغۇشۇنلۇق سىر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، جىسىم يۈزىدىن سويۇلۇپ چۈشكەن قوغۇشۇن تەركىبى بار سىرلار ئۆي ئىچىدە چاڭ- توزانغا ئايلىنىپ، بالىلار ئاسانلا سۈمۈرۈۋالىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەر مۇنداق بىلدۈردى: قوغۇشۇن بىلەن بىخەتەر ئۇچرىشىشنىڭ سەۋىيەسىنى بىلگىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا قاندىكى قوغۇشۇننىڭ بىخەتەر تەركىبىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمما قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەر تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، يەر شارىدىكى 30 دەك دۆلەت قوغۇشۇنلۇق سىر ئىشلىتىشنى تەدرىجىي توختاتقان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسىدىكىلەر ئورتاق رەھبەرلىك قىلغان قوغۇشۇنلۇق سىرنى تۈگىتىش يەر شارى ئىتتىپاقى 2015- يىلىدىن ئىلگىرى 70 دۆلەتتە قوغۇشۇنلۇق سىر ئىشلىتىشنى توختىتىش نىشانىنى بېكىتتى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى